0:00 / 0:00
بىز ئۇيغۇر دىيارىدىن يېقىندا قايتىپ كەلگەن ھازىر ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان رىسالەت خانىم بىلەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
رىسالەت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار بىر تەرەپتىن ئەقىلگە سىغمايدىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
رىسالەت خانىم ياۋرۇپادىن تۇغقان يوقلاپ يۇرتىغا بارغاندا، يېزىدىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارالمىغان، خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى پەقەت ئۇنىڭ بىر ھەپتە شەھەردىكى مېھمانخانىدا تۇرۇپ ئاتا - ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.