كوچىلاردا ساقچى ھەم ھەربىيلەر كۆپەيتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىملىكى قاتتىق تەكشۈرۈلگەندىن باشقا يەنە، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە بارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا 24 - سائەتلىك كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىلىپ، رايون ۋەزىيىتىدە جىددىي ھالەت شەكىللەنگەن.
"ئۈرۈمچى لىنىيىسى" نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،1 - ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش شىركىتىنىڭ كۆزىتىش مەركىزىدە، قاتناش ساقچىلىرى " "بۈركۈت كۆزى" دەپ ئاتالغان 8370 دانە ئاپپارات ئۈستىدىن سىناق ئېلىپ بارغان. بۇ ئاپپاراتلاردىن 4400 ئى ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق كوچا ۋە دوقمۇشلارغا، 3400 ئى كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا، 200 ئى مۇھىم قاتناش بېكەتلىرىگە، 200 ئى ماگىزىن تاللا بازارلىرىغا ئورنىتىلغان ئىكەن. خىتاي ئاخباراتلىرىدا قالغان 30 مىڭدىن ئارتۇق كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ قايسى جايلارغا ئورنىتىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ مەسچىت، مەكتەپ، ئىدارە - ئورگان، مەھەللىلەرگە ئورنىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا، رايون تەۋەسىدە 40 مىڭ دانە كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىپ بولغان.

30 - ئىيۇندىن باشلاپ، خەلق مەيدانى "خىش ياتقۇزۇلىدۇ" دېگەن باھانىدا قامال قىلىنغان ئىدى. 1 - ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە سۇ تۇرۇبىسى ھەم ئەۋرەز يولىنىڭ قايتا ئۆزگەرتىلىپ ياسىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ رايونلاردا 2 - ئىيۇلدىن 20 - ئىيۇلغىچە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش توختايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۈرۈمچىدىن سىۈن فامىلىلىك خىتاي پۇقراسى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئىلگىرى يول ياسايدىغان، يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى ھەم ئەۋرەز يوللىرىنى ياسايدىغان ئىشلار ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە 4 - ئاي مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ يىل شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇ مەھەللىلەردە، بۇ ئىشلار بۇ يىل 3 ئاي كېچىكتۈرۈلدى. بۇ جايلار بۇلتۇر ئۇيغۇرلار بۇ يەرلەردە نامايىش قىلغان ئىدى."
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەسچىتكە يېقىن جايدا ئۆيى بار سوڭ فامىلىلىك كىشى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، جۈمە كۈندىكى ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: "مەسچىتنىڭ سىرتىغا 'مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرايلى' دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېسىلىپتۇ. بۈگۈنكى جۈمە نامىزىدىمۇ مەسچىت ئەتراپىدىكى ساقچىلار ئادەتتىكىدىن كۆپ ئىكەن. '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'نىڭ بىر يىللىقى كېلەي دەۋاتىدۇ، ھازىر ھەر بىر مەھەللە كومىتېتلىرى ساقچىلارنىڭ چارلاش ماشىنىسى بىلەن بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. قوراللىق ساقچىلارمۇ برونېۋىكلار بىلەن 24 سائەت توختىماي چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر ۋەقە چىقىشتىن بەكلا ئەنسىرەۋاتىدۇ. چارلاش قېتىم سانىمۇ بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان كۆپەيتىلدى."
بۇ مەزگىلدە يەنە قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ساقچىلار كۆپەيتىلىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن. ئۆتكەن ھەپتە 22 - ئىيۇن كۈنى قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 28 - ئىيۇن باشلىنىپ 2 - ئىيۇل ئاياغلىشىدىغان " ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم جەنۇبىي ئاسىيا قەشقەر سودا يەرمەنكىسى" مەزگىلىدە، قەشقەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە يەرمەنكە ئۈچۈن قەشقەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەم ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن، 12 مىڭدىن ئارتۇق سودىگەر ھەم ساياھەتچى كەلگەن. مەلۇم ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەردە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
"يەرمەنكە مەزگىلىدە بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 6000 نەپەر ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق. ساياھەت مەزگىلىدە بىز بىخەتەرلىك ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر ئالدۇق. يەرمەنكە 2 - ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ. ھازىر قوراللىق ساقچىلارنىڭ چارلاش ماشىنىلىرى شەھەر ئىچىدە قەرەللىك ھالدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ."
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىلىرىگە قارىتىلغان نازارەتنىمۇ كۈچەيتكەن. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەم جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ تور ھەم تېلېفون ئالاقىلىرىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئائىت تېمىلار ھەققىدىكى سۆھبەتلەردە بولۇشىنى چەكلىگەن ئىدى.
مەلۇم تورخانىنىڭ خىزمەتچى خادىمى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تورخانىدا چەكلىنىدىغان سۆھبەت تېمىلىرى ھەققىدە توختالدى. بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىشىلەر تورغا چىقىشتا، كىملىك بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن باشقا، سەزگۈر تېمىدىكى مەزمۇنلاردا سۆھبەتتە بولۇشى چەكلىنىدىكەن.
ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى ئاممىۋى ئۇچۇر نازارەت بۆلۈمىنىڭ مەلۇم بىر ساقچى خادىمى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون سۆھبىتىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق سۆھبەتتە بولۇشى چەكلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بولغان گېزىت - ژۇرناللاردا بېرىلگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭمۇ سۆھبەت تېمىسى بولۇشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە،"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ رايوندا بۇ قەدەر قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
بۇلتۇر 5 - ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىشى، رايوندىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىلمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە، باراۋەر مىللىي سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىپ، نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارىتا ئېلىپ بارغان بۇ نارازىلىق نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، نامايىش يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە 200 دەك ئادەم ئۆلۈپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ۋەقە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.