بۇ ئىككى يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان رەئىسى ھەمدە كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىدە، شۇنداقلا بەزى ۋەكىللەرنىڭ دوكلاتلىرىدا يەنىلا " ئۈچ خىل كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇش"، "يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش"، " قوش تىللىق مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىش" قاتارلىقلار تەكىتلەنمەكتە.
6 - يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى، 7 - يانۋار كۈنى بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلىشقا باشلىدى.
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ئىككى يىغىن مەخسۇس خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ۋە پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ دوكلات بەرگەن ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەكىتلىگەندىن باشقا، كېلەر يىللىق خىزمەت نىشانلىرىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ مۇھىم خىزمەت يەنىلا "مۇقىملىق"
ئىككى يىغىندا "ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتىمىز مۇقىم بولدى" دېگەن تېمىنى مەركەز قىلىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن نۇر بەكرى سۆزىنى يەنىلا " ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" بىلەن باشلىغان، ئۇ " چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى " ئۈچ خىل كۈچلەر" نىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىدىن باشتىن - ئاخىر قاتتىق ساقلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا بوشاشماي زەربە بەردۇق. بولۇپمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ كاشىلىسىغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ ئۈنۈملۈك زەربە بەردۇق. دىنىي ئەسەبىيلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭدۈرمىچىلىك قىلىشىنى قەتئىي توستۇق، ھەج قىلىش قاتارلىق چەتكە چېتىلىدىغان دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق..." دەپ، 2008 - يىلىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىن خۇلاسە چىقارغان بولسا، يەنە سۆزىدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتا زەربە بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ " ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرىشىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەشلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىش بوشلۇقىنى يەنىمۇ تارايتىپ، داۋاملىق كۈچلۈك تۈردە ئالدىن زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك" دەپ يوليۇرۇق بەرگەن.
2008 - يىلى مۇقىم ۋە تىنچ ئۆتتىمۇ ؟
نۇر بەكرى ئۈچ خىل كۈچلەرنى باستۇرۇش نەتىجىلىرىنى ۋە باشقا ساھەلىرىدىكى نەتىجىلىرىنى بىر قاتار كۈيلەپ "بۇ بىر يىل تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يىل بولدى"، دېگەن.
دەرۋەقە نۇر بەكرى ئېيتقاندەك بۇ بىر يىل ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن ناھايىتى ئۆزگىچە بىر يىل بولدى، ئەمما ئۇ ئېيتقاندەك جەمئىيەت مۇقىم پاراۋان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى راۋاجلانغان بىر يىل بولماستىن، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، قەشقەردە يۈز بەرگەن 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى، 12 -ئاۋغۇست يامان يار ۋەقەسى ۋە يەنە كۇچادا يۈز بەرگەن 10 - ئاۋغۇست زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەلىرى بۇ بىر يىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نەچچە يىلدىن بېرى كۆرۈلمىگەن جىددىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئالاھىدە بىر يىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
2008 - يىلى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بىر يىلى ئىدى، يەنى 2008 - يىلى كىرىشى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىن مەيدانىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئىنتايىن قاتتىق بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي ھەتتا ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىپ، پاسپورتلىرى يىغىۋېلىندى، ھەج پائالىيەتلىرى يەنىمۇ چەكلەندى. شۇڭا بۇ بىر يىلنى ئۇيغۇر ئېلىدە نەچچە يىلدىن بېرى كۆرۈلمىگەن جىددىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن، ۋەزىيەت ئالاھىدە كەسكىن بولغان ئالاھىدە بىر يىل بولدى دەپ كۆرسىتىش تېخىمۇ مۇۋاپىق.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىننى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىككى يىغىندا نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن 2008 - يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىپادىسىنى تاپقان بىر يىلى دەپ باھالاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2009 - يىلى خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك مۇقىم بولامدۇ؟
نۇر بەكرى دوكلاتىدا يەنە، ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىگە 2009 - يىلىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ئېلىپ كەلگەن خىرىس ۋە پۇرسەتلەرگە تولغان ۋە بۇ كرىزىسقا ئومۇميۈزلۈك تاقابىل تۇرىدىغان ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھالقىلىق بىر يىل بولغاچقا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تەڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتەك مۇرەككەپ ۋەزىپىلەر ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزدى دېگەن جىنايەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىنلا 1300 يېقىن كىشىنى قولغا ئېلىپ جازالىغانلىقى ئېلان قىلىندى ۋە شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھەربىي رايونى جەڭچى - ئوفىتسېرلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، 2009 - يىلىدىن ئىبارەت، جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىلى توشۇدىغان بۇ يىلنىڭ خىتايدا تىنچ بولمايدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئىشسىزلىق، ئىقتىسادىي ۋە باشقا سىياسىي مەسىلىلەر تۈپەيلى خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ئاممىۋى ھەرىكەتلىرى زورىيىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ئاممىۋى توقۇنۇش دولقۇنلىرىغا يۈزلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلدا بولغۇسى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھوشيار بولۇپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا تەييارلىق كۆرۈش تەكىتلەنمەكتە.
گەرچە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، خىتاي دائىرىلىرى داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، خەلق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېچىلىۋاتقان بۇ ئىككى يىغىندا يەنىلا مۇقىملىقنىڭ مەركىزى مەسىلە سۈپىتىدە تەكىتلىنىشى، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن پرىنسىپىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا كەڭ كۆلەملىك يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەلق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق ؟
بۇ سوئالىمىز ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 - يىلىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.
