خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ 6 - تارماق ئەترىتى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بۇنى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوشۇنىغا قوشۇلغان يېڭى بىر كۈچ دەپ تەرىپلىدى. شۇنداقلا يەنە بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى يېڭى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر دېدى.
شىنجاڭ گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقىغا ئاساسەن قۇرۇلغان 6 - تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچىنى مەۋقە قىلىدىغان، ئاپتونوم رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، تېز ئىنكاس ۋە تېز ھەرىكەت قىلىدىغان ھەرىكەتچان جەڭ قىلىش ئەترىتى بولۇپ، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل تېز ئىنكاس، تېز ھەرىكەت قىلىش ئەترەتلىرىنىڭ ئىلگىرى باشقا دۆلەتلەردىمۇ قۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن تونۇپ يېتىپ بولغان بىر ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا بۇندىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قوراللىق قىسىملارنىڭ بارلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قوراللىق قىسىملارنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى بەرپا قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە مۇقىملىقنى ئۆز قولى بىلەن بۇزۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئۈزلۈكسىز قوشۇن كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى قوغداش دېگەن نام ئاستىدا 5 مىڭ نەپەر ئالاھىدە ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلغان ئىدى. دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ياندىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىشقا ئاجىز كەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر ياندىن بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەدبىرىنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت بارلىق قوراللىق قىسىملارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا زور بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تامامەن يوق قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.