ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسىي تەربىيە كۈچەيتىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 1984 - ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بۇ بايرام بارغانچە سىياسىي تۈس ئېلىشقا باشلىماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم مۇقىملىقنى قوغداش مەزمۇنلىرىدىكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلار، ھازىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك ھاياجانغا سالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار 1984 - يىلدىن بۇيانقى 26 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن، بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مەزگىلىدە، ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسىي - تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئاساسى مەقسەت قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە بىر تۇتاش ھالدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىلى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى "چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاۋانگارتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش" تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. تۇرپان ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى "ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، يۇرتنى سۆيۈش"، "خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇش" تېمىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئىلى ۋىلايىتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە ئاۋۋال ھەرقايسى ناھىيىلەردە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. ھەمدە تاللانغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ ھەپتە ۋىلايەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئىكەن.

ئۇزۇن يىل مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىپ پېنسىيىگە چىققان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، ئۆزىنىڭ خاتىرە بۇيۇمى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشقا، پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن باشقا پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادەتتىكىدەك دەرس ئۆتىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىلگىرىكى يىللاردا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنى ئوقۇتقۇچىلارنى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشمۇ بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە، ھازىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك ھاياجانغا سالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك ئۆز - ئارا يىغىلىپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبى بۇلتۇر يازدا يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رېستۇرانلارنىڭ سائەت 9 دىلا تاقىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا شەھەرلەردە ھەرقانداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بارغانچە ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل مائارىپ نازارىتى بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنداقلا بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى روزا ھېيت مەزگىلىگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، مەكتەپلەردە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئولتۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان باشقا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەسلىك تەشەببۇس قىلىنغان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.