ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرى دوكىلاتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن 2009 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكىلاتى ئېلان قىلغان. دوكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمىدا ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي بېسىملار كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ 2009 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكىلاتىدا دۇنيادىكى جەمىئىي 194 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. دوكىلاتتا خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

دوكىلاتنىڭ خىتاي ئالاقىدار بۆلىكىنىڭ باش قىسمىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتايدىكى بارلىق ھوقۇقنى مونوپۇل قىلىۋالغانلىقى، خىتايدىكى 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەقلەردىن مەھرۇم ياشاۋاتقانلىقى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بولسا ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

دوكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلارنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەنلىكى، بۇ سەۋەپتىن رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقى، خىتايلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەن نوپۇسىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپىيىشى رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىدە ئاساسلىق سەۋەپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى دوكىلاتتا تېگىشلىك ئورۇن ئالغان؛ دوكىلاتتا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئەسلىدە ئونۋىرسىت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن باشلانغان تېنچلىق شەكلىدىكى بىر نامايىش ئىكەنلىكى، نامايىش مەقسىتىنىڭ شاۋگۇەندە ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىكەنلىكى، خىتاي ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللانغىنى ئۈچۈن نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقى يەنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە مەسئۇلىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكىلاتتا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. دوكىلاتتا بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، سوتنىڭ بىتەرەپ بولۇشى، ئاخباراتقا ئوچۇق بولۇشى، مەھكۇملارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بولۇشى قاتارلىق ئەقەللىي قانۇن تەرتىپلەرگىمۇ ئەمەل قىلمىغان.

دوكىلاتتا يەنە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەلەر ئىچىدە بىر كىشىنىڭ خىتاي، قالغانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

دوكىلاتتا يەنە 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرىدىن قورغاس ناھىيىسىدىكى شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلش ۋەقەسى قىستۇرۇلغان؛ شۆھرەت تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى بىلىش تەلىۋىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى، جەسەتنى مەجبۇرىي يەرلىكىدە قويدۇرغانلىقى؛ 5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن. دوكىلاتتا يەنە نۇرىسلام سەرۋاز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكى، ئاىلىسىنىڭ ھازىرغىچە پەرزەنتىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمايۋاتقانلىقى؛ بۇنداق مىساللاردىن يەنە نۇرغۇننى كۆرسىتىش مۈمكىنلىكى

دوكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تىل ۋە مەدەنىيەت سىياسىتىنىمۇ تەنقىد قىلغان. دوكىلاتتا بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتتە ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە خىتاي تىلىنى شەرت قىلغانلىقى ياكى ئۈستۈنلۈك دەپ قارىغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىدا چتكە قېقىلىشى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىقنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن.

دوكىلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئائىت قىسمىدا، خىتاينىڭ 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش نامى ئاستىدا دىنىي زاتلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىۋاتقانلىقى، مەسچىتلەردە ھۆكۈمەتكە بېقىندا ئىماملارنى پەشتاققا چىقىرىپ، خەلق ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىماملارنى سورۇندىن ئۇزاقلاشتۇرىۋاتقانلىقى، مەسچىتىككى ئىمامنىڭ خۇتبىلىرىگىمۇ سىياسىي شەرت ۋە ئۆلچەملىرىنى قويۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

دوكىلاتتا يەنە مەھبۇبە ئابلەش، ئابدۇللا جامال، ئابدۇخېلىل زۇنۇن، ئابدۇغېنى مەمتىمىن، نۇرمەمەت ياسىن ۋە دىلكەش تىلىۋالدى، كۈرەش ھۈسەيىن قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئىش - ئىزلىرى بايان قىلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكىلاتى، 1976 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. دوكىلات ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگۈلەشتە پايدىلىنىش ماتىريالى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. تۈنۈگۈن بۇ دوكىلاتنى ئېلان قىلغان ھىللاري خانىم، بۇ دوكىلاتنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھىللاري خانىم يەنە بۇ دوكىلاتنىڭ يالغۇز ئامېرىكىنىڭ سىياسەت بەلگۈلىشى ئۈچۈن بىر قورال ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەق - ھوقۇق كۈرەشچىلىرىگە، ھەقىقىەت ئۈچۈن، ئاجىز گۇرۇپپىلار ئۈچۈن ئىزدەنگۈچى ئالىم ۋە تەتقىاقاتچىلارغىمۇ رىغبەت ۋە قورال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.