ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن

رادىئومىزدا ئىلگىرى "ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن " تېمىسىدا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر ساھەلەردە كۆرۈنگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەيلى قايسى جايدا ياشىسۇن، ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېگىشلىك تۆھپە قويۇشنىڭ يولىنى ئىزدەش ھەققىدىكى قىممەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

0:00 / 0:00

بۈگۈن بىز، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن تېمىسىدىكى بۇ سۆھبەت مەيدانىمىزنىڭ ھەر قانداق پىكىردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز.

كانادادا ياشاۋاتقان شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۈگۈنكى پروگراممىمىزدىن پايدىلىنىپ، "ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن" تېمىسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.