پروفېسسور رابىك ئىسمايىل ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ھەققىدە توختالدى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر شۆبىسى يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور رابىك ئىسمايىل ئالماتادا مۇخبىرىمىزنىڭ زىياتىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئەھمىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەمدە كەلگۈسى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختالدى.

0:00 / 0:00

ئەدەبىياتشۇناس رابىك ئىسمايىل "چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ۋەزىپىسى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ۋە تۈرمىلەردە ئازاپ چىكىۋاتقان يازغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش بۇلۇشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەدەبىياتشۇناس رابىك ئىسمايىل بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.