ئۇيغۇر تارىخىنى جەسەتلەر سۆزلىمەكتە

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى 18 - ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن يېڭىدىن بايقالغان بىر قىسىم موميالارنىڭ تارىخىنىڭ 4 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، بۇ موميالارنى د ن ئا تەتقىقاتى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ھەم ياۋرۇپا، ھەم ئاسىيا قان تىپىغا ئىگە ئىنسانلار بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتى يەنە كۇچادىن بايقالغان زور مىقداردىكى قەبرىلەر ۋە جەسەت سۆڭەكلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە، دەۋرى خىتاينىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى زامانىغا توغرا كېلىدۇ دەپ قارالغان بۇ جەسەت قالدۇقلىرىنىڭ خېشى كارىدورى، دۇنخۇاڭ، جيۇچۇئەن رايونلىرىدىن بايقالغان جەسەتلەرگە ئوخشايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەلۇمكى، خېشى كارىدورى، دۇنخۇاڭ ۋە جىيۇچۇئەن رايونلىرى يىراق قەدىمقى زاماندىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تۇپرىقى دائىرىسىدىكى زېمىنلار ئىدى.

ئۇيغۇر زىيالىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تارىخىنى يوشۇرۇۋاتقان، يوقىتىۋاتقان ۋە قەدىمىي ئەرسەرلەرنى ئېنىقلاش دولقۇنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزلارنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر چاغدا، ئۈزلۈكسىز بايقىلىۋاتقان بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ تارىخىمىزنى پاكىتلار بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.

كۇچا دىيارى ۋەتىنىمىز تەۋەسىدە قەدىمىي ئىزلار بىر قەدەر كۆپ كۆپ ساقلانغان رايون بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 146 ئورۇن مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قېزىش، تەكشۈرۈش مەنبەسىگە ئايلانغان ئىدى. يېقىندا يېڭىدىن بايقالغان 64 قەدىمىي قەبرىلەر توپى بىلەن قوشۇلۇپ، كۇچادا 200 دىن ئارتۇق ئورۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان مەركەزگە ئايلانغان. بىراق، بۇ يەردىن بايقالغان جەسەتلەر، قەدىمىي پۇللار، كىيىم - كېچەكلەر، تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە يىراق ئۆتمۈشكە مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ زادى قانچىلىكى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچرىشىۋاتىدۇ؟

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىندىكى قەدىمىي ئىزلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ياكى پاكىتلارنى بۇرمىلاشقا زورىقىدۇ؟ بۇ ھەقتە كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى تەرىپىدىن "4 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ۋە دۇنيادا ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەڭ قەدىمىي جەسەدلەردۇر" دەپ ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن بايقالغان موميالارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغانغا ئوخشاش، ئارىلاشما قان تىپىغا ئىگە بۇ قەدىمقى ئىنسانلار توپىغا خىتايلارنىڭمۇ تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە ئۇرۇنۇلغان ئىدى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ ئاسارە ‏- ئەتىقىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى يۇ جىيۇڭ بۇ قېتىم كۇچادىن بايقالغان جەسەتلەر توغرىسىدا توختالغاندا "ئالاھىدە دەپنە قىلىنغان بۇ جەسەتلەر خەنزۇلارنىڭ غەربىي دىياردىكى دەپنە ئادەتلىرىنى بىلىشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە" دېگەن. بۇ ئارقىلىق، كۇچادىن بايقالغان يېڭى قەبرىلەردىكى جەسەتلەرنى "ئۇلار خىتايلار ئىدى" دېمەكچى بولغان. ئۇيغۇر زىيالىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا ھەم كۆزقارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.