مۇخبىرنىڭ بۇ ماقالىسى مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ: ئىبراھىم يېڭى كومپۇتېرلارنى سېتىۋېلىپ تور تىجارىتى بازىرىغا مەبلەغ سالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېنتېرنېتنى پۇتۇنلەي توسۇۋېتىشى بىلەن ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
4- ئىيۇل كۇنى ئۇ ئىنتايىن ھاياجان ئىلكىدە خىتايدا تېز تەرەققى قىلىۋاتقان تور تىجارىتىنى باشلىغان ئىدى. ئەمما شۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىلا ئۇ ئىنتېرنېتتىكى تىجارىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ G8 يىغىنىدىن ھاپىلا - شاپىلا قايتىپ كېلىپلا، 20 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى. ئىبراھىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: "ئىنتېرنېتتە تىجارەت قىلىدىغان يۈزلەرچە شىركەت ۋەيران بولدى. بۇلارنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دېگىنى قېنى؟ مېنىڭ ھىندىستانغا كەتكۈم بار. مەن ئەمدى بۇ يەرگە بىر پۇڭمۇ مەبلەغ سېلىشنى خالىمايمەن. ھىندىستاندا تىجارەت قىلىمەن. مەن ۋە دوستۇم ئىككىمىز ھازىر ھىندىستانغا كېتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئەمما ھازىر چېگرا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قامال قىلىنىۋاتىدۇ. مىڭلىغان ياش ۋەقە جەريانىدا يوقاپ كەتتى. ئۇلار ھېچنېمە قىلمىغان، ئۇلار پەقەت ياش ۋە مۇسۇلمان ئىدى".
ئىبراھىم مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ۋەقەدىن بۇرۇنقى چۈشەنچىسى ۋە كېيىنكى ھېسسىياتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ تاپقان - تەرگىنى ئىنتېرنېت بىلەن تەڭ ئۇچۇپ كېتىشتىن بۇرۇن قەشقەردىن باشقا شەھەردە ياشاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرنى خەنزۇچە ئۆگىنىپ، زورىيىۋاتقان خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇشقا ئۈندەيىتتى.
ئىبراھىم بۇ ھەقتە ماڭا مۇنداق دەپ بەردى :
- بۇرۇن مەن دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەسچىتكە كىرەلمەيدۇ دېگەن خەتنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، "مەيلىغۇ، مەسچىتكە كىرگىچە بېرىپ پۇل تاپاي" دەيتتىم. بەلكىم ئاز ساندىكى سىياسىي غەرەزدىكىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما مەن ۋەقەدىن كېيىن نۇرغۇن بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى كۆردۇم. قېيىن - قىستاققا ئېلىنغانلارنى كۆردۇم. مەن ھەتتا شۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە ياردەم بېرىشتىنمۇ قورقتۇم. بۇنى دىيىشتىنمۇ خىجىل بولىمەن.
بۇ خەۋەردە يەنە، غۇلجا ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ 12 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، تېخى ئۆتكەن ئايدا قويۇۋېتىلگەن تۇيغۇن ئىسىملىك بىرسىنىڭ كەچۈرمىشىگىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يېزىلغان :
-- يەنە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسمى بولسا تۇرغۇن. ئۇ 12 يىللىق قېيىن - قىستاققا تولغان تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىدە، ئايالى ئۇنى تونىيالمىغان ئىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقى قاملاشقان يولدىشى ئەمەس، بەلكى مېيىپ، دوك بىرسى تۇراتتى. قېيىن سىڭلىسى رەھىمەنىڭ دەپ بېرىشىچە، تۇرغۇن ناھايىتى قاملاشقان ۋە غۇلجىدىكى داڭلىق بازاردا خېلى نامى چىققان سودىگەرلەرنىڭ بىرى ئىمىش. ئەمما ئۇ 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قولغا ئېلىنىپ كەتكەن ئىكەن.
ھازىر خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ رۇسىيە، ھىندىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان قاتارلىقلار بىلەن چېگرىداش بولغاچقا، قالايمىقانچىلىق بىلەن تولغان، ۋەھشى بىر رايون ئىكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر بىلەن تولغان.
ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولۇپ ئارىدىن ئايلار ئۆتكەن بولسىمۇ، قەشقەردە ھەربىيلەر يەنىلا جىددىي ھالەت يۈرگۈزمەكتە. قەشقەرگە كېلىپ سودا قىلىدىغان تاجىك ۋە قىرغىز سودىگەرلەر تىجارەت قىلىدىغان يەكشەنبىلىك بازارمۇ خىتاي ھەربىيلەرنىڭ داۋاملىق شۇ يەرگە چارلاش ئەپ بېرىشى بىلەن سودىسى ئاستىلاپ كەتتى.
مايكىل بولسا قەشقەردە خىزمەت قىلىدىغان بىر چەتئەللىك. ئۇ بۇ يەردىكى ئاتالمىش "ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى"نىڭ "كۆڭلىنى ئېلىشتۈرۈۋەتكەنلىكى " نى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: " خىتاي ھۆكۈمىتى 'بىزنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن بىر دەردىمىز يوق' دەيدۇ، ئەمما ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندىن كېيىن 500 ئەسكەرنى ئەۋەتىپ قەشقەردىكى جامىدىن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ پىشانىسىگە مىلتىقنى تەڭلىدى. بۇنداق قىلسا ۋەزىيەت قانداقمۇ ياخشىلانسۇن؟" مايكىل شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا، 3 يۈك ئاپتوموبىلىغا لىق تولغان ھەربىيلەر ئاپتوموبىلدىن چۈشتى ۋە قوراللىرىنى كىشىلەرگە تەڭلىدى. بىرسى يۇقىرى ئاۋازدا: "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ھېچقانداق بىر ئىش قىلماڭلار" دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.
قەشقەردىن يەكەن ۋە خوتەنگە بارىدىغان، داڭلىق يىپەك يولىنىڭ خارابىلىقلىرى ئارىسىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ يالغۇز كېتىۋاتماقتىمەن. تەكلىماكان قۇملۇقىنى بۆلۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك تاغلارنى كۆرگەندە كىشى يېقىندىلا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئاسانلا ئۇنتۇلىدىكەن. ئەمما رايونغا دەريا ئېقىنىدەك يۆتكەپ كېلىنگەن 50 مىڭ ئەسكەر سىزنىڭ تەقىپ قىلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار تېخى سىزنىڭ پاسپورت ۋە كىملىك نومۇرلىرىڭىزنى يېزىۋالىدۇ.
ھىندىستاننىڭ سابىق ئەلچىسى ت پ سىرىنىۋاسا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى: خىتاينىڭ شىنجاڭدا قىلىۋاتقىنى ئۇلارنىڭ تىبەتتە قىلىۋاتقىنى بىلەن ئوخشاش. ئاز سانلىقلارغا بېسىم قىلىش، خىتايلارغا ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بېرىپ ئۇلارنى رايونغا كۆچۈرۈش ۋە رايوندا جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلىش. نىشان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، رايوننى كونترول قىلىش. ھىندىستان شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، خىتاي ھازىر ئارۇناچال پارادىش رايونى مەسىلىسىدە بارغانسىېرى ئۆكتەملەشمەكتە. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىقلارنى سۆمۈرۈپ مۇسۇلمان جامائىتىنى يوق قىلىۋېتەلىسە، ئۇ چاغدا سىز خىتاينىڭ سىرتقا نىسبەتەن قانچىلىك ئۆكتەملىك قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ.
خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پۈتۈنلەي نورمال ھالىتىگە قايتتى دېگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلدى:
-- ئىبراھىم خۇجىنتاۋنىڭ رايوندا ھەممە ئىش نورمالغا قايتتى دېگەن سۆزىدىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ: "بىزگە غورۇر كېرەك. نورمالغا قايتتى دېگەن نېمە گەپ؟ نورمال دېگەن زادى نېمە ؟"
-- ئىبراھىم ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا، ھىندىستاندا تۇرىدىغان تىبەتلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن خالىيلىقى، ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتىدا بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى ئەركىن سۆزلىيەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ھاياجان بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى.
ئىبراھىم مۇنداق دېدى: "بىزگە ھىندىستان بەكرەك ياخشىكەن. چۈنكى بىز پاكىستاننىمۇ ئويلاپ باقتۇق. ئەمما پاكىستان ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. ھىندىستان بولسا تىبەتلىكلەرنى قارشى ئېلىپ كەلدى. بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشايمىز."
ئىبراھىم يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى ئېيىتقاندىن كېيىن، ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە يېيىلىپ تۇرغان چاي دېغى بوپكەتكەن دەپتىرى ۋە ھىندىستانغا ئۆتىدىغان يول سىزىلغان خەرىتىسىنىڭ يېنىغا قايتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
