ئۇيغۇرلاردا ئۆز قانۇنى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپى كۈچەيمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9 - ئايدا ئېلان قىلغان "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي پۇقرالىرىغا پاسپورت بېجىرىش ئاسانلاشتۇرۇلغانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ، بۇنى خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئەمما، بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پاسپورت ئېلىش ھەم چەت ئەللەردە ساياھەتتە بولۇش يەنىلا تەس بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 26 - سېنتەبىر ئېلان قىلغان "2009 - يىلىدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى " ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا، نۇقتىلىق ھالدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت ئېلىشى ھەم ساياھەتكە چىقىشىنىڭ ئاسانلاشقانلىقى ھەققىدە توختالغان. دوكلاتتا 2009 - يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتاي پۇقرالىرىدىن چەت ئەللەردە ساياھەتتە بولغانلار سانىنىڭ 1 مىليارد 900 مىليون ئادەم قېتىمىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 11.1% ئاشقانلىقى مىسالغا ئېلىنىپ، بۇنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدىكى ياخشىلىنىشنىڭ ئىپادىسى دەپ تەكىتلىدى.

ئەمما، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تەسلىشىپ كەتكەن. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغۇچى زىيالىيلار ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال يول ئارقىلىق پاسپورت بېجىرىشى بۇ يىل ئەڭ قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئوقۇش ھەم دۆلەت خىزمىتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى بىر قەدەر قولاي بولسىمۇ، ئەمما تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش، سودا قىلىش، ھەج پائالىيىتى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن چەتئەلگە چىقىشنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش تولىمۇ قاتتىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ نورمال قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئارقىلىق پاسپورت بېجىرىشى يەنىلا تولىمۇ قىيىن ھالەتتە ئىكەن.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تىجارەت ئىشى بىلەن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقتى ئاز قالغان پاسپورتىنى ئۇزارتىش تەلەپلىرىمۇ، ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشى سەۋەبلىك بارغانچە تەسلەشكەن. ھەتتا ئۇزارتىپ بېرىش رەت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تىجارەت يولى پۈتۈنلەي ئېتىلىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. شۇڭا ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تىجارەت يولىنىڭ ئېتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پاسپورت بېجىرىشنى كەسىپ قىلىۋالغان خىتاي شىركەتلىرى ياكى شەخسلەرگە زور مىقداردا پۇل تۆلەش ئارقىلىق، غەيرىي رەسمى يوللار بىلەن پاسپورت بېجىرىۋاتقان ئەھۋاللار بارغانچە ئېغىرلاشماقتا ئىكەن.

يېقىندا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان بىر ئوقۇغۇچىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىغقان پۇللىرىنى خەجلەش ئارقىلىق، ئۆزى ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىپ، ئۇنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىشنى تەلەپ قىلغۇچىلاردىن، پاسپورت بېجىرىشتە ئۇلارنىڭ مۇقىم مال -مۈلكىنى مەلۇم قىلىش ھەم بانكىدىكى پۇل ئامانىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ توڭلىتىپ قويۇش شەرتى بىلەن ئۇلاردىن بانكىنىڭ پۇل ئامانەت ئىسپات قەغىزىنى تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون ھەم ئىدارىدىن بۇ كىشىنىڭ ھېچقانداق سىياسىي مەسىلىسى بولمىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات قەغىزىنى ئالغاندىلا ئاندىن ئۇلارغا پاسپورتىنى بېجىرىشكە رۇخسەت قىلىش قەغىزى بېرىلىدىكەن.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇربىز تور بېكىتى 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش ھەم پاسپورت بېجىرىش ئەھۋالى ھەققىدە راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. راي سىناش نەتىجىسىدە بۇ ئۆز ئەھۋالىنى بايان قىلغان 327 كىشى ئىچىدە پەقەت 4 ‏ - 5 كىشىلا ئۆزىنىڭ پاسپورت بېجىرىش ئەھۋالىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا بېرىشىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 4 - ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۈركىيىدە ئېچىلغان "2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى"غا بېرىشى، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك توسۇپ قويۇلغان ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى تەس بولۇشتەك بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتى بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتماقتا ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە پاسپورت بېجىرىشنىڭ تەسلىكىگە نىسبەتەن نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپەيگەن. بۇلتۇر 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەچكە، ئۇيغۇرلار سىنا، ستۇدېنتلار ئالاقە تورى، خەلق تورى، 56 كوم قاتارلىق خىتاي تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەڭسىز مۇئامىلىلەرنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى تەس بولۇش، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ كۈچەيتىلىپ، مېھمانخانا، ماگىزىن، ئاپتوبۇس قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئوچۇق ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىغا ئۆز نارازىلىقىنى يازغان ئىنكاسلار بارغانچە كۆپەيگەن.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال تۈزىتىلمىسە، ئۇيغۇرلاردىكى پاسپورت بېجىرىشنىڭ تەسلىكىگە بولغان نارازىلىق، رايوندا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەم يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان دېھقان - چارۋىچىلار مەسىلىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور نارازىلىقىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.