ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدە تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

قەيسىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ، ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئادۋوكاتى ھاقان ئىشىقلاردىن تەركىپ تاپقان 3 كىشىلىك ھەيئەت 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى.

0:00 / 0:00

ئۇلار تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مەمەت ئەكىجى، مەمەت تەكەلىئوغلۇ، بۇرخان قاياتۈرك، شەنول بال ۋە ئاۋنى دوغان ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇلار پارلامېنت ئەزالىرىغا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ھەيئەتنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.