ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەر يېڭى باھار بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئارزۇ - ئارمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان كۈن - نورۇز بايرىمى مانا مۇشۇ مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ھىسابلىنىدۇ.
نورۇز بايرىمى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى تارىختىن بېرى ئۆزىگە خاس مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەپ كەلمەكتە.
ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، نوروز بايرىمى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمىي يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستانداتۇنجى مەيدانغا كەلگەن. ئۇ، تۈركلەرنىڭ غەربكە كۆچۈشى بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە تارقىلىپ، مىڭ يىللاردىن بېرى قۇتلىنىپ كەلمەكتە. نورۇز بايرىمى يەنە تارىختىن بۇيان تۈركىي خەلقلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن، فارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر قىسىم شەرق مىللەتلىرىدىمۇ تەبرىكلىنىدىغان بولۇپ، نوۋرۇز ئۇلاردىمۇ يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى دەپ قوبۇل قىلىنماقتا.
ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قەدىمىي كالېندارى بولغان 12 مۆچەلدە بۇ كۈن يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، قەدىمىي تۈركىي خەلقلەر ۋە كېيىنكى مىڭ يىلدا تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان ئىرانلىقلارمۇ نورۇز كۈنىنى يېڭى يىل دەپ قوبۇل قىلغان. جۈملىدىن نورۇز پەقەتلا تۈركىي خەلقلەر ئەمەس، بەلكى تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئورتاق جۇغراپىيىلىك ئورۇنلاردا ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن يېڭى يىل دەپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا جۈملىدىن باشقا تۈركىي خەلقلەردە نورۇز تەييارلىقلىرى 40 كۈن ئاۋۋال باشلىنىدىغان بولۇپ، كىشىلەر ھويلا - ئاراملىرىنى تازىلايدۇ، پۈتۈن كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ، قىشتىن قالغان نەرسە - كېرەكلىرىنى ئاپتاپقا سالىدۇ. باغچىلىرىنى تازىلايدۇ، دەرەخلەرنى پۇتايدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرىگە يېڭى بايراملىق كىيىملەرنى ئېلىپ، دوست - يار، بۇرادەرلىرىگە سوۋغاتلارنى تەييارلايدۇ. 21 - مارت كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قېلىشى نورۇزلۇق مۇراسىملار باشلىنىدۇ. كىشىلەر گۈلخان يېقىپ، ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. بالىلار تۇخۇم سوقۇشتۇرۇپ، ئىلەڭگۈچ، چاقپەلەك ئوينايدۇ. چوڭ قازانلاردا نورۇز ئېشى قىلىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدۇ.
نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر تۈرلۈك رىۋايەتلەر بار. تۈركىيىلىك تەتقىقاتچى سىنان ئوگان ئەپەندىنىڭ "تۈركىي خەلقلەردە يېڭى يىل نورۇز بايرىمى" دېگەن ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىي خەلقلەر نورۇزنى ئۆزلىرىنىڭ ئەرغەنەقۇندىن چىققان كۈنى"دەپ قارايدۇ. بۇ رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: قەدىم دەۋردە تۈركىي قوۋملار خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بۇ قوۋمدىن"نۇخۇز" ۋە "قويان" ئىسىملىك ئىككى شاھزادە بىلەن ئىككى قىزلا ھاياتتا قالدى. ئۇلار جېنىنى ئېلىپ قېچىپ ئۇزاق يوللارنى باسقاندىن كېيىن، ئالدىغا بىر كېيىك ئۇچرىدى. ئۇلار كېيىككە ئەگىشىپ مېڭىپ بىر تىك ياردىن پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى ۋە ھوشىغا كەلگەندە ئۆزلىرىنى گۈزەل بىر باغۇ - بوستانلىقنىڭ ئىچىدە كۆردى. بۇ يەردە ئۇلاردىن باشقا ئىنسان يوق ئىدى. ئۇلارغا چىقىش يولىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەتراپى ئېگىز - ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان بۇ سىرلىق ماكاندا كۆپەيدى. باغ بارغانسېرى گۈللىدى، خەلقلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەمما ئارىدىن 400 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇلار ئانا ۋەتىنى تۇرانغا قايتىشقا بولغان ئارزۇسىنى ئەسلا يوقاتمىدى.
كۈنلەردىن بىر كۈنى، بۇ سىرلىق ماكاندا بىر بۆرە كۆرۈندى. ئۇ كېيىكتىن بىرنى ئۆلتۈرۇپ ئېلىپ قاچتى. بۇنى كۆرگەن ئوۋچىلارنىڭ بىرى بۇ بۆرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىگە قىزىقىپ ئۇنىڭ پېيىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ تاغلار ئارىسىدىكى تولىمۇ تار بىر تۆشۈكتىن قىسىلىپ كىرگەنلىكىنى كۆردى. بۇنى كۆرگەن ئوۋچى دەرھال قايتىپ بۇنى كىشىلەرگە ئاڭلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇ ئادەم پاتمايدىغان تارچۇققا كېلىشتى. ئارىدىن بىر تۆمۈرچى چىقىپ تارچۇققا پالتا ئۇرۇشقا باشلىدى ۋە ئاخىرى تاغنى يېرىپ يول ئاچتى. 400 يىلدىن بېرى كۆپىيىپ، گۈللەپ بۇ كىچىككىنە ماكانغا پاتماي قالغان بۇ خەلق ئانا ۋەتىنىگە قايتىدىغان يولىنى تاپتى. شۇندىن بېرى ئۇلار بۇ كۈننى " يېڭى كۈن" دەپ ئاتىدى ۋە ئۇنى مىللىي بايرام دەپ ئېلان قىلدى. تۈركىي خەلقلەر ئۇ يولنى ئاچقان كىشىگە "بوزقۇرت" دەپ ئىسىم بېرىپ ئۇنى ئۆزىگە خان قىلدى. موڭغۇللار بۇ ئىسىمنى ئۆز تىلىدا "بۆرتەچىنە" دەپ ئاتىدى.
ئەنە شۇندىن بېرى تۈركىي خەلقلەر ئەرغەنەقۇندىن چىققان كۈنى بولغان 21 - مارتنى "يېڭىدىن يارىلىش كۈنى "دەپ تەبرىكلەپ كەلدى.
تۈركىي خەلقلەر ئۇزۇن ئەسىرلەردىن نورۇزنى زور تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالماقتا. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ نورۇز بايرىمىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى خاتىرىلەپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى زىمىستان قارا قىش بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى روھ ۋە يېڭىچە ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن يېڭى ھايات ۋە بەخت سائادەتنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك بايرىمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرلار نورۇزدا قوشاق ئېيتىپ، مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈشىدۇ. نورۇز تائاملىرى تەييارلاپ بىرلىكتە ئېغىز تېگىشىدۇ.
بۇ كۈننى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ مىللىي بايرام سۈپىتىدە ئەزىزلەپ تەبرىكلەپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ كۈندە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ. خۇددى رىۋايەتتىكىدەكلا بىر كۈنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئەركىن ۋە ھۆرلۈك ئىچىدە بۇ بايرامنى تەبرىكلەشكە بولغان ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىدۇ. شۇڭا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ بايرام تېخىمۇ ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلىرىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز. يېڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن. يېڭى ھاياتتا يېڭىچە ئۇتۇقلار سىلەرگە يار بولسۇن.
