بۇنى ھەممە مىللەت ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەڭ زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىلغار مىللەتتۇر. "بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا"، "بالىلىرىڭنىڭ ئوينىشىغا باق، قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا" دېگەنگە ئوخشىغان ماقال - تەمىسللەر ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە نەقەدەر ھۇشيار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
پاكىستان ئىسلام ئاباد ئالىي بىلىمگاھىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى " ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"دا خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇراھمان ھاجىمغا بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇراھمان ھاجىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەستىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ تۈرلىرى توغرىلىق سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:" ئاتا ئانىلار ئەڭ ئاۋۋال بالىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى 4 تۈرلۈك تەربىيسىدىن جاۋابكاردۇر.
1. بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ چىقىش.
2. بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ چىقىش.
3. بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ چىقىش.
4. بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ چىقىش.
بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەنددىكىچە:
بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيىلەش
بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ چىقىشتىن مەقسەت ، ئۇلار ئەقىل - ئىدراكقا ئىگە بولغىنىدىن باشلاپ، ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى، گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئۆگىتىپ سىڭدۈرۈش، ياخشى ئادەتلەرنى ئۈگىتىش دېگەنلىكتۇر. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنىغا سادىق بولۇشى ۋە بالىلىرىنى دىنىي ئەخلاق دائىرىسىدە تەربىيىلىشى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرىدۇر. ئۇندىن باشقا، ئىمانلىق ۋە ئىنساپلىق بولۇپ يېتىشكەن بالىلار ئەڭ ئاۋۋال ھەرئىشتا مېنىڭ پۈتۈن شىلىرىمنى ئاللاھ كۆرۈپ، بىلىپ تۇرىدۇ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئىش كۆرىدۇ. بۇنداق بالىلار ئاتا ئانىسىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياخشلىقلىرىنى تونۇيدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئاتا ئانىسى ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ، ئىككى ئالەمدە بەختلىك بولىدۇ.
بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلەش
بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلەش دېگەندىن مەقسەت: ئۇلارنى كىچىكىدىن ئەخلاق پەزىلەتلىك ۋە ۋىجدانلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسلام "مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم" دېگەن. يەنە ئۇ "ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق بولغىنىدۇر" دېگەن. دېمەك، ئەخلاق پەزىلەت ئىماننىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى ۋە مېۋىسىدۇر. ئەخلاق بىلەن ئىمان ئىككىسى بىر بىرىگە ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىدۇر.
بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيىلەش
بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيىلەشتىن مەقسەت، بالىلارنى كىچىكىدىن مۇسۇلمانچىلىق ئادەتلىرى، پەن مەدەنىيەت ۋە ھەر خىل پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىكىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنى كېلەچەكتە جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىلمىي، مەدەنىي ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش دېمەكتۇر. بالىلارنى كىچىكىدىنلا ئوقۇتۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر. مەلۇمكى، ئوقۇش، ئۆگىنىش ھەر ياخشىلىقنىڭ بېشىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى چاقىرىقىمۇ كىشىلەرنى ئوقۇشقا چاقىرىشتۇر. چۈنكى مۇسۇلمانلىق ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. بىلىم تۈرلۈك كەشپىياتلارنى ئاچىدۇ. بىلىم قاراڭغۇلارنى يورۇتىدۇ. بىلىملىك كىشىلەر ئۆلمەيدۇ. جەننەتنى قازىنىشمۇ بىلىم بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىدە: "كىمكى بىلىم ئېلىش يولىغا كىرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ " دېگەن. ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئاندىن ئالىم بولۇش پەقەت ئەقىل بىلەن بولىدۇ. ئەقىل ئىنساندىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئېتىبارلىق بىر بايلىقتۇر. ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بالىلار ئاتا ئانىسىنى قەدىرلەيدۇ، ئاللاھنى، ئۆزىنى، ئاتا ئانىسىنى ۋە جەمئىيىتىنى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ.
بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيىلەش
بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيىلەشتىن مەقسەت: بالىلارنى كىچىكىدىن يېمەك ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىكى ساغلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرىغا ۋە تەن ساغلىقىغا پايدىلىق بولغان ھەر خىل تەنتەربىيە ئويۇنلىرىغا ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ساغلام، كۈچلۇك ۋە ئەل ئىشلىرىغا ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر.
شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " كۈچلۇك مۇسۇلمان ئاجىز مۇسۇلماندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقتۇر" دەپ كۆرسەتكەن. خەلقىمىزدىمۇ "ساغلام تەندە ساپ ئەقىل" دېگەن ھېكمەت بار. ئەقىللىق، ساغلام تەنلىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنىغا، خەلقىگە ۋە ۋەتىنىگە ئەڭ كېرەكلىك كىشىلەردۇر. ساغلام تەنلىك كىشىلەر ئىبادەتلەرنىمۇ تولۇق ئورۇنلىيالايدۇ، دۇنيالىق ئىشلىرىنىمۇ ياخشى ئېلىپ بارالايدۇ."
خۇلاسە قىلغاندا، ئەخلاقنىڭ كامىللىقى ئىماننىڭ كامىللىقىغا ۋە ئەخلاقنىڭ ئاجىزلىقى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىغا دەلىلدۇر. كۆپىنچە ئىبادەتلەر ئۇنى قىلغۇچىسىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق بولسا، گۈزەل ئەخلاق باشقىلارغىمۇ پايدىلىقتۇر. بىراۋنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن ئومۇم خەلق مەنپەئەتلىنىدۇ. مىللەتلەر گۈزەل ئەخلاقى بىلەن يوقىرى كۇتىرىلىدۇ ۋە ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئۇلارمۇ چۆكىدۇ. قەدىمدە بىر ئەرەب شائىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن:
ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت، راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر.
ئايرىلغانلار ئۇنىڭدىن، زاۋاللىققا ھامان كېـــــتەر.
