0:00 / 0:00
رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكىلىق ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەلىھ گۆكچەك ئەپەندى، تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى مەمەت شىمشەك ئەپەندى، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ ۋە تۈركىيە تەرەققىيات مىنىستىرى جەۋدەت يىلماز ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى رۇشەن ئابباستىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان. رۇشەن ئابباس خانىم تۈرك رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىن ئامېرىكىغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان رۇشەن ئابباس خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
