ئامېرىكا: " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياردەملا ئەمەس، مۇھىمى قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىشى كېرەك"

5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۆل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلات ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە تەكلىپ - پىكىرلىرىنى سۇنماقتا. تۈنۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجىلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ھۆكۈمەت ۋە مەجلىسكە بۇ ھەقتە تەكلىپ سۇنغان.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەرەققىيات پىلانى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويۇشقا باشلىغان بىر قاتار تەرەققىيات تەدبىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بۇ تەنقىدكە ئۇچرىغان نۇقتىلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي مەسىلە دەپ قارىلىشى؛ مەسىلىنىڭ سىياسىي تەرىپىگە كۆز يۇمۇلۇشى، پىلانغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر قاتناشتۇرماسلىقى؛ شۇنداقلا، يەنە ياردەم پىلانىدا رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ بەھرىمان بولۇش نىسبىتىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلماسلىقى قاتارلىقلاردۇر.

يەنى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ يېڭى تەرەققىيات پىلانىنىڭ يەنىلا رايوندىكى خىتاي خەلقىغە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈنكى دوكلاتىدىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش گۇمان ۋە ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا، يېڭى تەرەققىيات تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى، بىر قىسمىنىڭ بولسا، رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكى؛ رايونغا پايدىلىق دەپ قارالغان تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى ناتايىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. دوكلات مەزكۇر كومىتېت تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بۇ مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىش، تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. دوكلات ئېنىق ھالدا، ئۇيغۇرلارغا يالغۇز ئىقتىسادىي ياردەملا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى رايوننىڭ ئىشلىرىدا قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئىلگىرىكى تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمان بولالمىغانلىقى ئىشارەت قىلىنغان دوكىلاتتا، ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى تەرەققىيات پىلانىدىن مەنپەئەتلىنەلىشى ئۈچۈن، چوقۇم ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەقلىرىنىڭمۇ كاپالەتكە ئېرىشىشى كېرەكلىكى، ئىقتىسادىي ھوقۇقنى يەككە يىگانە ھالدا ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلات " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى" دېگەن نامدا بولۇپ، دوكلاتتا يەنە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇتقۇن ۋە جازالار ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلىنغان. دوكلاتتا جاڭ چۈنشەننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەن تەڭلا، قاتتىق زەربە بېرىش چاقىرىقىنى تەكرارلىغانلىقى، بۇ يەردە ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش دېگەن نام ئاستىدا بىر مىللەت خەلقىغە ھۇجۇم قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە، نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، خىتاينىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق 97 دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ۋە 198 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقى، ئەمما بۇ دېلولارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ سوت تەرتىپىنىڭ خەۋەر قىلىنمىغانلىقى؛ نەتىجىدە خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى 5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى قارا - قويۇق تۇتقۇندا تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىنتېرنېت ۋە خەلقئارا تېلېفون يولىنى قايتىدىن ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق تور بەتلەر تاقاقلىق ھالەتتە ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ مەسىلىمۇ تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىن ئۇچۇر ئېلىش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ بۇلتۇردىن بېرى تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىن ئۇچۇر توپلايدىغان ۋە ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنى كۆچلەندۈرۈش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنى كۆپەيتىش تەشەببۇس قىلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجىلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 2000 - يىلى تەسىس قىلىنغان. ئۇ ئاساسلىق ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلەشتە ئۇچۇر ۋە پىكىر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ۋەزىپىلەنگەن. مەزكۇر كومىتېتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ 18 نەپەر پالامېنت ئەزاسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 5 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. كومىتېتنىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر كومىتېت، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، كۆزدىن كەچۈرۈش، ئىسپات يىغىنى ئېچىش ۋە يازما ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن 200دىن ئارتۇق مەنبەدىن ئۇچۇر توپلىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.