ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان قوليازمىلار

گۇننار ياررىڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان شىۋېتسىيىلىك تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى يالغۇز ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەسەر يېزىشلا بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىرسىز ھالدا كىشىلەرنىڭ تام - تورۇسلىرىدا ۋە ئامبار ئۆيلىرىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا تاشلىنىپ ياتقان زور تۈركۈمدىكى قوليازمىلارنى يىغىپ ساقلىغانلىقىدۇر.

0:00 / 0:00

گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇ ماتېرىياللار بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېتوندىن ياسالغان، ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگىمۇ بەرداشلىق بىرەلەيدىغان يەر ئاسىتى كۈتۈبخانىسىدا ناھايتى قىممەتلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا.

گۇننار ياررىڭ بۇ ماتېرىياللارنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدىن ناھايتى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان بولسا، بىر قىسمىنى كېرەكسىز گېزىت پارچىلىرىغا تىگىشىۋالغان. بۇ ماتېرىياللارنىڭ تىللىرى ئەرەپ، پارىس، ئۇيغۇر تىللىرىدا بولۇپ، بۇ قوليازمىلارنىڭ ئەڭ بالدۇرى 16 - ئەسىرگە ئائىت بولسا، كىيىنكىلىرى 19 ‏- ئەسىرلەرگە ئائىتتۇر.

قوليازمىلار 560 پارچە كىتاب سۈپىتىدە ساقلانسىمۇ، ئەمما بىر قسىم توپلاملار نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن تېمىسى 1100 دىن كۆپرەك بولغان. بۇ قوليازمىلارنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىنىڭ گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى مۇندەرىجىسى ئاستىغا تەپسىلىي قويۇلغان بولۇپ، قوليازمىلارنىڭ بىرىنچى بېتىنىڭ فوتوكوپى نۇسقىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ قوليازمىلارنى مەزمۇن جەھەتتىن ئىنچىكە تارماق تۈرلەر بۇيىچە ئىپادىلەش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما چوڭ جەھەتتىن توۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

1 - رىسالە تىپىدىكى قوليازمىلار، مەسىلەن: تۈمۈرچىلىك رىسالىسى، دېھقانچىلىق رىسالىسى، دەرۋىشلىك رىسىالىسى، موزدوزلۇق رىسالىسى، بوياقچىلىق رىسالىسى، يامغۇر تىلەش رىسالىسى، قاسساپلىق رىسالىسى، ناۋايچىلىق رىسالىسى ۋە باشقىلار.

2 - ھەر خىل تەزكىرىلەر، بۇ تارىختا ئۆتكەن بىر قىسم دىنىي شەخىسلەر، قەھرىمانلار ھەققىدە يېزىلغان تەزكىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن: خوجا مۇھەممەد شىرىفنىڭ تەزكىرىسى، سۈت بىبىشاھنىڭ تەزكىرىسى، ھافىت مۇھەممەدشاھنىڭ تەزكىرىسى، سىيىت ئافاق خوجامنىڭ تەزكىرىسى، مۇقەددەس نومان ئىبىن سابىتنىڭ تەزكىرىسى ۋە باشقىلار.

3 - ھېكايەتلەر. بۇ ھەر خىل تىمىدىكى ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپىنچىسى يەنىلا دىنىي ھېكايىلارغا باغلانغان. مەسىلەن: شەيىخ جافار سادىق ھەققىدە ھېكايە، شاھزادە سۇنۇبار ھەققىدە ھېكايەت، جامۇئىل ھېكايەتلىرى، قىمارۋازنىڭ ھېكايىسى ۋە باشقىلار.

4 - دىنىي تۈس ئالغان ھەر خىل پۈتۈك - دۇئا، قىسسسە ۋە قوللانمىلار. مەسىلەن، نىكاھ ۋە مېيىت كېپەنلەشكە دائىر بايانلار، ئاشىق - مەشۇقلار ئۈچۈن تۇمار پۈتۈكى، قىسسەسۇل ئەنبىيا، قۇرئان تەپسىرى، ئاسايىشلىق ئۈچۈن قىرىق دۇئا، ناماز قايدىلىرى ۋە باشقىلار.

5 - تارىخى ئەسەرلەر. مەسىلەن: تارىخى رەشىدى، تارىخى ھەمىدى، ياقۇببەگنىڭ تارىخى، مۇھەممەدىيە، ياقۇببەگنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەققىدە بايان ۋە باشقىلار.

6 - كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىر - غەزەللىرى مەسىلەن. ناۋايى، خاراباتى، مەشرەپ، ئەخمەت يەسەۋى ۋە باشقىلار.

7 - ئەدەبىي تۈس ئالغان ئەسەرلەر مەسىلەن: نۇرۇزنامە، تاماقلار مۇنازىرسى، كىتابى بەختىيار، شەھىرى گۈلشەن، يۈسۈپ بىلەن زىلەيخانىڭ بېيتلىرى....

8 - باشقا ھەر خىل تىمىدىكى ئەسەرلەر: مەسىلەن: شاگىرتلار ئۈچۈن ئەۋزەللىكلەر، كېسەل داۋالاش رېتسىپلىرى، غارايىباتلار، ئىنسانىيەت ۋە ئۇنىڭ بەدىنى ھەققىدە ئىككى زىكىر ۋە باشقىلار.

گۇنار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇ ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسمى نەشر قىلىنىپ ئالىقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسمى يەنىلا كىتابخانىنىڭ پىنھان جازىلىرىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ نەشر قىلىشىنى كۈتۈپ ياتىدۇ. ئۇيغۇرلار، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى جۇڭگو زېمىننىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتاشتا چىڭ تۇرسىمۇ، شۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنى مىراسلىرىغا ئىگە چىقىپ، ئۇلارنى رەتلەش ۋە نەشر قىىش ئىشلىرىغا ھېچقاچان كۆڭۆل بۆلمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلماقتا.