خوڭكوڭدا چىقىدىغان "يونىلىش" ژۇرنىلىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سانىدا، "ۋاڭ لېچۇەن ئوكۇل يىڭنىسى ئۈستىدە ئۇسۇل ئوينىماقتا" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پارىخور دەپ نام ئالغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇشنى باھانە قىلىپ، يەرلىك ئۇيغۇر مىللىتىگە نىسبەتەن "قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش" ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ يىللاردىكى پارىخورلۇق قىلمىشىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى، خىتايدىكى بۇ خىل چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق بىر چوڭ تور سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىگە چېتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
"يۆنىلىش" ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلار ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
"بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى رايونىنىڭ بۈگۈنكىدەك جىددىي ھالەتكە كېلىپ قېلىشىدا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن پارىخور ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى رايونى ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك جىددىيلىشىپ، ئېغىر ھالدىكى مىللىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ بۇ قەدەر كەسكىنلىشىپ كېتىشىدە ۋاڭ لېچۈەننىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قاراتقان تەتۈر تەشۋىقاتى ئائاسسلىق سەۋەب بولۇپ قالدى."
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى خىتايدىكى پارىخورلۇقنىڭ مەنبەسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئوزىلا خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنفاق دېدى: "ۋاڭ لېچۈەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلق 'غەربىي شىمالدىكى خاقان،' 'كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ 1 - نومۇرلۇق پارىخور ئەمەلدارى' دەپ تەرىپلىشىدۇ، ھازىر ئاۋام پۇقرا ۋاڭ لېچۈەننى تەختتىن چۈشۈپ كەتسۇن، دەپ تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ھەرگىزمۇ خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنى خەلقنىڭ تەلىپى بويىچە جازالاش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەش، بۇنداق بولغاندىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ " مۇقىملىقنى ساقلاش" نى باھانە قىلىپ پارىخورلۇق قىلىشى، چىرىكلىشىشى، بايلىق توپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ."
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش تەس بولۇۋاتقان بۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ئالدىراپ ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش بۇ خىل پارىخور ئەمەلدارلارنى بىر تەرەپ قىلمايدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى زىددىيەت - توقۇنۇشلارمۇ كەسكىن بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ جاڭ زېمىن گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ غوللۇق ئادىمى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى نۇرغۇن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا چېتىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتە ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
"گەرچە ۋاڭ لېچۈەننىڭ پارىخورلۇقى خىتايدىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى 1 - دەرىجىلىك پارىخورلۇق قىلمىشىغا ياتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ خىل پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ھازىرچە ئالدىراپ قول سالالمايدۇ. ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەننى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالىسا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا چېتىلىدۇ، بولۇپمۇ جاڭ زېمىن باشچىلىقىدىكى شاڭخەي گۇرۇھىدىكىلەر ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەڭ چوڭ ئارقا تىرىكى، بۇ يەردىكى مەسىلە قانداقتۇر پارىخورلۇق قىلىش قىلمىشىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتى ئىچىدىكى كۈرەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھازىرقىدەك شارائىتتا ۋاڭ لېچۈەن يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى قاتمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى، خىتاي پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي پۇقرالىرى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى باشنى ئاغرىتىدىغان نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يېقىن ئارىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا تەيىنلىگۇدەك بىرەر مۇۋاپىق نامزاتىمۇ چىقماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ۋاڭ لېچۈەن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنىڭ ناچارلىقىنى بارغانچە كۆپتۈرۈپ مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆزىگە ئوخشاش قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرىدىغان ئەمەلدار بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە."
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا جاڭ ۋېيگو ئەپەندى خوڭكوڭدا چىقىدىغان " يۆنىلىش" ژۇرنىلىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سانىدا ئېلان قىلىنغان " ۋاڭ لېچۇەن ئوكۇل يىڭنىسى ئۈستىدە ئۇسۇل ئوينىماقتا " ناملىق ماقالە ھەققىدە توختىلىپ، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن بۇيانقى بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىشىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ مىللىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولماي، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانلىق باستۇرغانلىقى ھەمدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى بۇراش ئۇچۇن، خىتاي پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنى دۇشمەن كۆرسىتىدىغان تەشۋىقاتلارنى زىيادە ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك كەسكىن ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى، بەلكىم بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن مىللىي زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنىڭ ئۇلغىيىپ، ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا بىر سىگنال بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.