ۋاشىنگتوندا بۈگۈن قىش پەسلى كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغاق بىر كۈن بولسا كېرەك، پەرىزىمچە نۆۋەتتىكى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئون گىرادۇسقا بارىدۇ.
شۇنىڭغا قارىماي ۋاشىنگىتون ھەم قوشنا شىتاتلاردىن كېلىپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار يۈزگە يېقىنلاشتى، شۇنداقلا تەرەپ - تەرەپلەردىن قوللىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى تۇتقان ئۇيغۇرلار داۋاملىق توپلانماقتا. ئۇلار بىر - بىرى بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن، ئىنتايىن تەرتىپلىك، جۇشقۇن كەيپىياتتا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى يېزىلغان پلاكات، تەشۋىقات تاختىلىرىنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلاپ ئەلچىخانىنى ئايلانغاندىن كېيىن، ۋاشىنگىتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىۋەتتى.
نامايىش ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نۇتىقى بىلەن باشلاندى.

گەرچە ھازىر ئىش ۋاقتى بولسىمۇ، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى باردەك ئىشىكلىرىنى بۇرۇنلا مەھكەم تاقىۋالغان ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ سىرتقا چىقىش پائالىيىتىنى توختاتقان ئەمما، بەزىلىرىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىۋاتقانلىقى دېرىزىلەردىن غىل - پال كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى، ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۈگۈنكى نامايىشنىڭ كۆلىمى جەھەتتىنمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ قاتناشتى دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۈگۈنكى مەزكۇر نامايىش مەيدانىدا ئەر - ئاياللار، ياشلار ھەتتا بالىلارنىمۇ كۆرەلەيمىز. ئۇلارنىڭ ئىرادىسىدىن خۇددى5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىكى ياشلارنىڭ، زۇلۇمغا تىز پۈكمەيدىغان قەيسەرانە كۈرەشچان روھىنى كۆرگەندەك بولىسىز.
نامايىش تەشكىلاتچىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسەتلىرى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
شۇنداقلا, نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن بىر نەچچىسى ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتى.
ئەسلەپ ئۆتسەك، 12 يىل بۇرۇنقى غۇلجا بۈگۈنكىدەكلا قەھرىتان قىش كۈنىنىڭ بىرى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان چەكتىن ئاشقان مىللىي زۇلۇمى، تالان - تاراجى ۋە زۇلۇملىرىغا قارشى غەزەپ ئوتى تاشقان مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيۇشۇپ، پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ تەرتىپلىك ھالدا كوچىغا چىقىپ، ئادالەتسىزلىككە قارشى شوئارلار توۋلىدى، ھەتتا قەھرىتان سوغاققا قارىماي بەزى ياشلار "خىتاينىڭ كىيىملىرىنى كىيمەيمىز " دەپ كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ يالىڭاچ ھالدا نامايىشتا كۆكرەك كېرىپ ئالدىدا ماڭدى.
بۇ قېتىملىق تىنچلىق نامايىشى ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىردىن - بىر قورالى پەقەت ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى پارتلىغان ئاۋازى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئوخشاشلا رەھىمسىزلەرچە زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇلدى. نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆلتۈرۈلدى، ئىلگىرى - ئاخىرى نەچچە مىڭى تۈرمىلەرگە ئېلىنىپ ۋەھشىيلەرچە قىيىن - قىستاققا ئېلىندى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرغىچە تۈرمىلەردە ياتماقتا.
جامائەتچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى تا بۈگۈنگە قەدەر 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاۋاب بەرگىنى يوق. لېكىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەركىنلىك ھەم دېموكراتىيىگە بولغان كۈچلۈك ئىستىكىنى ئىپادىلەيدىغان، مىللىي غۇرۇرىنىڭ نامايەندىسى بولغان 5 - فېۋرال ۋەقەسىنى تۈرلۈك ۋاستىلار بىلەن ئەسلەپ، غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئىسيانكار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە.
ۋاشىنگىتوندىكى بۇ نامايىش ئۈچ سائەت داۋام قىلماقچى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيۇشتۇرغان نامايىشىنىڭ نەق مەيدانىدىن بېرىلگەن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.