بۇلارنىڭ كۆپى چېگرادىن كىرگەن كۈندىن تارتىپ، يۇرتىدىن ئايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ھەر خىل قېيىن-قىستاققا، قوپال مۇئامىلىگە دۇچار بولسىمۇ، لېكىن «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم تۈرلۈك بېسىمغا ئۇچرىمىسۇن ۋە ياكى ئۆزۈم يەنە بارالماي قالماي دەپ ئەنسىرەپ، بۇ ئەھۋاللارنى ھېچ كىمگە تىنمايدۇ». ئەمما بۇ يىل تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەلۇم بىر ۋىلايىتىگە بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئايال ۋەتەندىكى تەسىراتلىرىنى بىزگە ئاڭلاتتى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر ئايال ئۆزى رامزان ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىدا بولغاچقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتىنى مىساللار بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئىسلامى ئۇسۇلدا بېشىغا رومال ئارتقان ئاياللار «غەلىتە كىيىنگەن قىز-چوكانلار» دەپ ئاتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنى پاش قىلغانلارغا 5000 سوم مۇكاپات بېرىدىكەن، ئىپتار زىياپىتىگە كۆپ ئادەم چاقىرىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. ئۇ دۇچار بولغان ئەقىلگە سىغمايدىغان قوپال مۇئامىلىلەر ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بېسىم سىياسىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر ئايال بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.