'تەڭرىتاغ تور بېتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋە 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بېيجىڭدىكى چڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەندىكى قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا 'شىنجاڭ ياخشى جاي، ئۇنى قۇرۇشقا زور تۈركۈم ياشلار كېرەك' دېگەن ۋە ئۇلارنى زو زۇڭتاڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان.
ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان.
يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، خىتايلار تارىختىن بۇيان غەربكە كېڭىيىش خام خىيالىدىن ۋاز كەچكەن ئەمەس، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن يەنە شۇ خام خىيالىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ.
يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، ۋېن جياباۋ ھازىر خىتاي ياشلىرىنى ئىنسانپەرۋەرلىككە، تىنچلىققا ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىققا، كېڭەيمىچىلىككە باشلاۋاتىدۇ.
يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي ياشلىرىنى جاللات زو زۇڭتاڭنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىرغانلىقى، خىتاينىڭ 60 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان 'لېي فېڭدەك خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش' دېگەن سىياسىتى بېراقلا ' زو زۇڭتاڭدەك جاھانگىرلىك يولىغا مېڭىش' قا ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئوتتۇرىسىدا سىياسىي، ئىجتىمائى سۈركۈلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.