بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 12 - ئۆكتەبىر كۈنى 6 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 3 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە، 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن تىنچلىق نامايىشىغا قاتناشقان 5 كىشىگە "قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش، ئوت قويۇش جىنايىتى سادىر قىلغان" دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەمەتئېلى ئىسلام، مەمەتتۇرسۇن ھېلىم، مەمەتئېلى ئابدۇكېرىم قاتارلىق 5 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، 2 كىشىگە مۈدەتسىز قاماق جازاسى، 6 كىشىگە ئايرىم - ئايرىم 10 يىلدىن 20 يىلغىچە مۈدەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 5 كىشىنىڭ 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە قوراللىق ساقچى خادىمى ۋە گۇناھسىز ئاممىنى ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش جىنايەتلىرى ئىشلىگەنلىكى، مۇددەتسىز ۋە مۈددەتلىك قاماق جازسى بېرىلگەن 8 كىشىنىڭمۇ شۇ كۈنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سادىر قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 3 - دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئاساسەن، ھەر قانداق ئۆلۈم جازاسىنى چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك سوتتا كۆرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى 12 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 6 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قانۇنسىزلىق ۋە ۋەھشىلىك دەپ ئەيىبلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋرۇپا پارلامېنتى، ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتى، بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەقسىز قىرغىنچىلىقلارغا جىددىي ئارىلىشىشقا، جازا ھۆكۈمىنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىشىقا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىرغان ئىدى.
3 - دېكابىر كۈنى يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە باشقا 8 كىشىنىڭ ئوخشىمىغان ئېغىر جازالارغا تارتىلىپ سوت قىلىنغانلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە يول ئاچماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى قەتئىي توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىلگىرىكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي زۇلىمىغا سۈكۈت قىلىش، تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل پاسسىپ پوزىتسىيىسى تۈپەيلى خىتاينىڭ خالىغانچە ئۆلتۈرۈش ۋە قولغا ئېلىشقا ئوخشاش زوراۋنلىق ھەرىكەتلىرىنى تەپتارتماستىن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بارلىق ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئادالەت دۇنياسىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ۋەقەگە شاھىد كىشىلەر رادىئومىزدا كۆپ قېتىم ئۆز كۆزى بىلەن بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان بولۇپ، ۋەقەدە قورالىق ساقچى قىسىملىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى، جىنايەت سادىر قىلغان خىتايلار تېگىشلىك جازاغا تارتىلماي، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايەت بۆھتانلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت ھۆكۈمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغا قەدەر 16 ئۇيغۇر ۋە 1 خىتاي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.