خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ «ئۆتكۈر خەنجەر» دەك بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق قىسىم چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوراللىق قىسىملاردىن تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى «خەنجەر» بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

0:00 / 0:00

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قوراللىق قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى بىرىنچى نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 13 - ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي قانۇن ھەيئىتى باشلىقى شۇڭ شۇەنگو مەخسۇس سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە چېگرا قوغداۋاتقان قوراللىق قىىسملاردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ «چېگرا مۇداپىئە قوراللىق قىسىملىرى ھەرقانداق ھەرىكەتكە دەل ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك زەر بېرەلەيدىغان ئۆتكۈر خەنجەر بولۇشى كېرەك» دېگەن.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، شۇڭ شۇەنگو سۆزىدە تەكىتلىگەن ئالاھىدە نوقتىلارنىڭ بىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بولغان. ئۇ :«قوراللىق قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە «ئۆتكۈر خەنجەر» ۋە «پولات مۇش» تەك بولۇپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 18 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە چېگرانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ھەرقانداق بىرەر چوڭ بايرام ياكى قۇرۇلتاي ۋەياكى بىرەر خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش نامى ئاستىدا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان. شۇڭ شۇەنگونىڭ 18 - قۇرۇلتايدا چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا «پولات مۇش، ئۆتكۈر خەنجەر بولۇش» نى تەلەپ قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى خەۋپسىزلىكتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇڭ شۇەنگونىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ 2012 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئوچۇق دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇڭ شۇەنگو يىغىندا يەنە، قوراللىق قىسىم چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى 2011 - يىلى ئىچىدە چېگرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ ھەرىكەتلىرىگە ۋاقتىدا زەربە بېرىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرۇئاسيا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك چوڭ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىدى، دەپ تەقدىرلەش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، مۇشەققەتلىك، بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا ئىنتايىن كەسكىن. شۇڭا بارلىق چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى پارتىيىنىڭ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ھاياتىي ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، شارائىتتا قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

2011 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندا خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ تامغا باسقان بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىز ۋە باشقا مۇستەقىل ئورگانلار ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىىسنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى سۈرگەندەك تېررورلۇق ياكى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە باغلانغان ھەرىكەتلەر ئەمەسلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇڭ شۇەنگونىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىگە رەددىيە بېرىپ، قوراللىق قىسىملارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاۋام خەلققە قورال تەڭلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوراللىق قىسىملارنى، قوراللىق ساقچىلارنىڭ سانىنى ھەسىسلەپ ئاشۇرۇشى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا بۇنى تېىخمۇ ئىلگىرىلەپ ئىجرا قىلىشى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە. ئامېرىكا خەلقئارا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماتېرىيالدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت مىقياسى بويىچە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ سانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان بولۇپ، مەملىكەت مىقياسى بويىچە 700 مىڭدىن ئوشۇق قوراللىق ساقچى بار ئىكەن. ئەمما ماتېرىيالدا يەنە، بۇ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، تولۇق قوراللانغان بۇ قىسىملارنىڭ بىۋاستە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا رايوندىكى ۋەقەلەرنى باستۇرۇش ھەم چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپسىىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.