ئامېرىكا - خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى جىددىي ئېلىشىشلار پەيدا قىلغان ۋە قىلغۇسى مەسىلىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دېپلوماتلار، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما بۇيىل، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنجى يىلىدا ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىي سىناقلارغا دۇچ كېلەمدۇ؟ دېگەن سوئالغا تېخى كىشىنى قايىل قىلارلىق جاۋاب يوق.
ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىي سىناقلارغا دۇچ كېلەمدۇ؟
ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە، ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال ساتقان ۋە پرېزىدېنت ئوباما قائىدە بويىچە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن جىددىيلىك كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، خىتايغا بۇلتۇر ئەندىشە كەلتۈرگەن مۇشۇ 3 - ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يەنە، خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى، فالۇنگوڭ مەسىلىسى، سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەردە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە قارار ماقۇللاندى.
خىتاي بۇنىڭغا ئىلگىرىكىدىنمۇ قاتتىقراق قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە پەسەيمىگەن بۇرۇنقى جىددىيلىك تېخىمۇ ئۇلغايدى. ھازىر، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى بولغان مۇشۇ بىر يىلدا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىي سىناقلارغا دۇچ كېلەمدۇ؟ دېگەن سوئال كېلىپ چىققان ئىدى.
دېپلوماتلار، مۇتەخەسسىسلەر ھازىر ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ
ھازىر ئامېرىكا - خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ئېلىشىشلار پەسىيىدىغانلىقىدىن تېخى بىشارەت يوق. بۇنداق ئېلىشىش پەيدا قىلغان ۋە قىلغۇسى مەسىلىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دىپلوماتلار، مۇتەخەسسىسلەر ھازىر، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى.
جوھن خانتىسماننىڭ قارىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنجى يىلىدا ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىي سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوھن خانتسمان بۈگۈن بېيجىڭدىكى چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى يىلىدا ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە تەرەققىيات كۆرۈلگەن ئىدى، ئەمدى ئىككىنچى يىلىدا تېخىمۇ جىددىي سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ۋە خەلقئارادىكى ھەمكارلىققا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
باش ئەلچى جوھن خانتىسمان نۇتقىدا، "ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارادا يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلاردىن باشقا، تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى قاتارلىقلار دەيدىغان يەنە بىر چوڭ مەسىلە بار. خىتاي تەيۋەننى ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدە، دەپ جاكارلايدۇ. ئەمما تەيۋەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇنى ئىدارە قىلغىنى يوق.
ئەمما ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەيۋەن قانۇنى بويىچە ئۇنىڭغا قورال ساتسا، خىتاي قارشى تۇرىدۇ. ئوباما خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسىمۇ، خىتاي قارشى تۇرىدۇ. مەسىلىنى ئامېرىكا پەيدا قىلدى، دەيدۇ، ئەمما بۇ ئېلىشىشتا مەسىلە ئامېرىكا تەرەپتىلا ئەمەسلىكى ئېنىق. ئەمدى خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتىنى ئۆرلەتمىسە، خەلقئارادا ئىقتىسادنى ئويغىتىشقا تەسىر يېتىدىغانلىقىمۇ ئېنىق" دېگەن.
جۇفېڭنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى جىددىي ئېلىشىش خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىگە دۆلەتنىڭ گە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى جۇفېڭ "خىتاي - ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى جىددىي ئېلىشىشقا دۆلەت مۇناسىۋىتى ئارىلاشتۇرۇلمىسىلا، بۇنداق ئېلىشىشلار خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىگە دۆلەتنىڭ گە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئۆز - ئارا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، ئەگەر ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى كېلەر ئايدا ئېلان قىلىدىغان دوكلاتىدا، خىتاينى پۇلنىڭ ئابروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغان دۆلەت، دەپ جاكارلىمىسا، بۇ بىر مەسىلە ئاخىرلىشاتتى " دېگەن.
چىن گاڭ بۈگۈن يەنە ئامېرىكىنى ئەيىپلىدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارارىغا قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ "ئامېرىكا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئېكىسپورتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆرلىتىشكە ۋە ئېكىسپورتنى ئازلىتىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ" دەپ ئەيىپلىدى.
يۇقارقىلاردىن مەلۇمكى، ھازىر ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىدە، ھۆكۈمەتلەر ئۆز - ئارا جىددىي ئېلىشىۋاتىدىلا ئەمەس، بەلكى دىپلوماتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرمۇ، بىر - بىرىگە يول قويماۋاتىدۇ. باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ، بۇ يىل، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىي سىناقلارغا دۇچ كېلەمدۇ؟ دېگەن سوئالغا تېخىچە كىشىنى قايىل قىلارلىق جاۋاب يوق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
