خىتاينىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان " شىنجاڭلىق" ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان تەدبىرىگە تەبىرلەر

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان جاڭ چۈنشەن" ئىلمىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش " نامىدا بىر قاتار ئىسىتراتېگىيىلىك چارىلەرنى قوللانماقتا. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ھەم سىرتىدىكى ھەتتا چەتئەللەردىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى خىتايغا، ئۇيغۇر ئېلىگە قىزىقتۇرۇشمۇ مەزكۇر ئىستراتېگىيىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىن ئورۇن ئالماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە توختىماي ھەيئەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خىتاي ئۈچۈن ئىشلەشكە چاقىرغاندىن باشقا، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئۇتۇش چارىلىرىنى قوللانماقتا. يېقىندا چەتئەلدە ئوقۇيدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان. بۇنىڭ چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا قوزغىغان ئىنكاسلىرى ھەقىقدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇماتنى ئاڭلىتىمىز.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 20 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نامىدا يىغىن چاقىرىپ، ئاساسلىق ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان زىيالىيلار بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن سۆز قىلىپ " سىلەر چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىشىڭلار كېرەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى جارى قىلدۇرۇپ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇڭلار " دەپ چاقىرىق قىلغان.

سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن يەنە " ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇش " تېمىسىدا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزگەن.

چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، خىتاي كومپارتىيىسى قۇرغان "چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى"نىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەرگە ئوقۇشقا، بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققان ئۇيغۇر زىيالىيلار ھەمدە مۇھاجىرلارنىمۇ شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەر قوللىنىپ كەلمەكتە.

بولۇپمۇ، - 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلات ۋە بىرلىك سەپلەر نامىدا ئۇيغۇر مۇھاجىر ھەم بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقارغان.

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئۆزلىرىنى نىشان قىلغان بۇ سىياسەتلىرىگە قارىتا ھوشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئاگاھلاندۇرماقتا.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى خىتاينىڭ شۇنداق قىززىقتۇرۇشلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى:

ئامېرىكىدىكى دورا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىي تەتقىقاتچى تۇردى غۇجى ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قىزىقتۇرۇش سىياسىتىنىڭ غەرەزلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى:

ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدا كومپيوتېر ئىنجېنىرلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەۋلان ياسىن ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ھەم ئوقۇغان زىيالىيلارنى ئۆزىگە قارىتىشقا يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى مۇنداق يېشىدۇ:

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قاتار جەلپ قىلىش تاكتىكىلىرىغا قارىتا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. گۈلچېھرە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.