تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بۇ ھەقتە بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدە زورىيىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە كېلىدىغان تەھدىت سىرتتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىچىدىن كېلىدىغانلىقى، ئەگەر خىتاي ۋاقتىدا دېموكراتىيىلىشىپ، مەنپەئەتلەردىن ئورتاق پايدىلىنىش يولىغا ماڭمىغان تەقدىردە، خىتاينى زور بىر ئىچكى قالايمىقانچىلىقنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.
تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوتسېنت دوكتور جالالەتتىن ياۋۇز ئەپەندىنىڭ "60 - يىلىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى" ماۋزۇلۇق مۇلاھىزە ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۆتمۈشى ۋە ئۇنىڭ دىڭ شياۋپىڭ يولغا قويغان ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن خىتاينىڭ دۇنيا دۆلىتى بولۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ:
دىڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان خىتاي 1998 - 2007 يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18.4% زورايدى. ھەربىي خىراجىتىمۇ 15.9% زورايدى....
كېيىنكى بەش يىلدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش رۇسىيىگە بېقىنىدىغان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تەلىم - تەربىيە ئىش پىلانىنى باشلىدى. بۇ دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ئەرزان باھادا خىتايدىكى مەكتەپلەردە تەربىيىلەندى. خىتاي پەقەت تاجىكىستانغا ئوخشاش ئىنتايىن يوقسۇل بىر دۆلەتكىمۇ 2009 - يىلى ئىمزالانغان بىر شەرتنامىگە ئاساسەن ئىككى يىل ئىچىدە ئاساسىي قۇرۇلۇش ياردەملىرى ئۈچۈن بىر مىليارد دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ ئۆتۈشمە يولى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي - رۇسىيە مەنپەئەتلىرى بىر - بىرى بىلەن زىتلەشمەكتە. 2006 - يىلىدا خىتاي قازاقىستان بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ خىتاينىڭ غەربىگە بىر نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى ئىنشا قىلدى. تۈركمەنىستان بىلەنمۇ خىتايغا بارىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياساش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ رايوندىكى تاق ھاكىم كۈچ بولۇشتەك رولىنى ئاياقلاشتۇردى. رۇسىيە بىلەن خىتاي كۆرۈنۈشتە دۇنيادا ئامېرىكىغا قارشى بىرلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رايوندا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى ئىچىدە ئىكەنلىكى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.
تەتقىقاتچى جالالەتتىن ياۋۇز ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشقا يەنە، ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەرگىمۇ زور رەقەملەردە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى قامدايدىغان مەنبەلەرنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيىتپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
خىتاي، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقىغا سىياسىي تۈزۈم تۈپەيلىدىن مەبلەغ سېلىشقا قىزىقمايدىغانلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئافرىقىغا ناھايىتى ئاسانلا سىڭىپ كىردى. ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئانگولادىكى ئەڭ زور مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت ھالىغا كەلدى. خىتاي ئافرىقىنىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك قەرز بېرىشتە دۇنيا بانكىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئىنسان ھەقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان سۇدانغىمۇ خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئافرىقىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى كوچىلىماي، زور ياردەملەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىردى. ئەلۋەتتە خىتايمۇ بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردى. يەنى خىتاي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىىي بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا ئالدى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى كۆپەيتىش يولىغا ماڭدى.
ماقالىدا ئاپتور خىتاينىڭ مانا مۇشۇنداق ياردەم ۋە مەبلەغلەر ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەردىكى ئورنىنى تىكلىگەنلىكىنى، ئىقتىسادىي رەقەملەردە زور ئارتىش كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ تەرەققى تاپقان 8 دۆلەت مۇنبىرى 8 - G ئىچىدە يەر ئېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئامېرىكا بىلەن 2 - G بەرپا قىلىپ دۇنيانى باشقۇرۇشنىڭ پېيىغا چۈشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشچە، 24 -، 25 - سېنتەبىر كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكىدىكى G - 20 يىغىنىدا، مۇزاكىرە، ئامېرىكىنىڭ ئىستىمال نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن دۇنيادىكى رولىنىڭ چېكىنىش ئېھتىمالى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ ئىستىمال نىسبىتىنىڭ ئارتىشى ئارقىلىق دۇنيادا بەلگىلىك سۆز ئىگىسى بولۇش ئېھتىمالى مۇزاكىرە قىلىنغان ئەڭ مۇھىم تېما بولغان، ئەمما بۇ يەردە مۇھىم بىر نوقتا بولسا، نوپۇسى 3 مىلياردقا يېقىنلىشىدىغان خىتاي ۋە ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ، نوپۇسى ئارانلا 300 مىليون ئەتراپىدا بولغان ئامېرىكا پۇقراسىدەك ئىستىمال كۈچىگە ئىگە بولالايدىغان - بولالمايدىغانلىقى تالاش - تارتىش قىلىنغان ۋە ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
خىتايدا دۆلەت باي، كوممۇنىست پارتىيە ئىنتايىن كۈچلۈك. دىڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھاتى نەتىجىسدە دۆلەتنىڭ مىللىي كىرىمى 16 ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ كۆپچىلىكى يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاشقا داۋام قىلماقتا. خىتايدا 75 مىليون كىشى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى دىيىشكە بولىدۇ. خىتايدا باي بولۇش ۋە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كوممۇنىست پارتىيىگە كىرىش كېرەك، پارتىيىگە كىرگەنلەر نۇرغۇنلىغان ئىمكانلارغا ئېرىشمەكتە. نۇرغۇنلىغان بايلىقلارغا ئېرىشمەكتە. ئەمما خىتايدا 1 مىليارد كىشى بۇ بايلىقلاردىن مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا. بۇلار تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتايدىن ھېچقانداق نېسىۋىنى ئالالمىغان.
خىتاينىڭ 60 يىلىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرى زىتلىق ۋە شۇبھىگە تولغان. ھەربىي مۇراسىم، 5 خىل تۈردىكى راكىتانىڭ كۆز -كۆز قىلىنىشى، ئەسلىدە دۆلەتنىڭ كۈچى كۆز - كۆز قىلىنغان ئويۇندىن ئىبارەت. مۇراسىم جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەر پوستتا تۇردى، ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ تورۇسلىرىدا مەرگەنلەر بولغۇسى بىر نارازىلىق نامايىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھالەتتە تۇردى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بۇ مۇراسىملار پەقەتلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ كۈچىنى كۆز -كۆز قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، ئۇ ھەرگىزمۇ خەلقنىڭ باياشاتلىقىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ.
ئاپتور مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، خىتايدىكى دېموكراتىيىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تىپىك ۋەقەنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېيىتپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئادالەتتىن مەھرۇم بولغان بۇ دۆلەتتە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى قوغدايدىغان بىر قانۇن يوق. بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا چەكلىمە قويۇلغان، مۇھىت قوغدىغۇچىلار چېغىدا قېيىن - قىستاقلارغا ئۇچرىماقتا. مانا بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتايدا ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق زورايماقتا، زور بىر ئۆكتىچىلەر قوشۇنى يېتىشمەكتە.
خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى دېموكراتىيىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاجىز ئىكەنلىكىنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ۋەقەدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قەتلى قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن يەنە ئۇيغۇرلارنى جازالىغانلىقىنى ئېنىق كۆردۇق. بۇنىڭدەك ۋەقەلەر تىبەتتىمۇ سادىر بولغان ئىدى. نەتىجىدە، خىتاي مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، رۇسىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى ھازىرچە قانچىلىك غەملىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران ۋە ئافرىقىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى خىتايغا توشۇش ئۈچۈن ھىندى ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىنتايىن ئۇزۇن مۇساپە كېرەك. بۇ رايوندا بولغۇسى بىر قالايمىقانچىلىقتا خىتاينىڭ ئېنىرگىيىسىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.
تەتقىقاتچى جالالەددىن ياۋۇز ئەپەندى مۇلاھىزە ماقالسىنىڭ نەتىجە قىسمىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
خىتاي ئىقتىسادىي زورىيىشىنى دېموكراتىيىلىشىش بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارمايدىكەن، ناھايىتى يېقىن بىر كېلەچەكتە ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە تېنجىتىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە زور ئىچكى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى خىتايدا قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە تەڭسىزلىك مەۋجۇت. خىتايدىكى ئاز ساندىكى بېيىغانلار بىلەن ئاۋام خەلق ئارىسىدا ھەم ئاپتونومىيە دەپ ئاتالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا تەڭسىزلىك مەۋجۇت. خىتاينىڭ رەقىبى مانا بۇلار. ئەگەر خىتاي بۇ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلمايدىكەن، پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرگىز زوراۋانلىق، باستۇرۇش، ئايرىمىچىلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىك ۋە دۆلەتنىڭ نىمەتلىرىدىن ئامال بار ئورتاق بەھرىمان بولۇشتىن كېلىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيىنىڭ خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىغا ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ماقالىسىنى مۇنداق ئاياقلاشتۇرىدۇ:
تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن ئايرىۋېتىش، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئۇلغايتىش پىلانى يوق، ئەمما بۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىدىن بەھرىمان بولۇشى، ئەركىن ساياھەت قىلىشى ۋە مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى، سىياسى ھوقۇقلارغا ئىگە بىر شەخىس سۈپىتىدە ياششى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بىر تەلەپ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئالغا باستۇرىدۇ، بۇمۇ ئاخىرقى ھېسابتا يەنە شۇ خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق.