"دالاي لاما ۋە رابىيە قادىرلارنىمۇ خىتايغا چاقىرىپ كېلىپ ئۇلارنىڭمۇ ئەركىن ھالدا سايلامغا قاتنىشىشىغا يول قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە يول قويۇش كېرەك."
[ يىغىندا جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقىOpens in new window ]
پرافىسسور گو جىيۇ ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەركىن پىكىر ئېلىپ بېرىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ، ھازىرقىدەك نازۇك بىر پەيتتە، "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى خۇلاسىلەپ، ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن، تەكلىپ پىكىرلىرىنى، ئىلمىي يوسۇندا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە توختالغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتتىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە قانۇنىي ھوقۇقىغا ئېتىبار بېرىلمىگەنلىكى، ھەتتا ھۆكۈمەت يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا باستۇرۇش خاراكتېرلىك قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى: "ھازىر خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتى ۋە تۈزۈم ئەمەلىيەتتە ئىمپېراتورلۇق تۈزۈمى بولۇپ ھەقىقىي مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس. دۆلىتىمىزدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۈزۈم خەلقئارادا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەممە مىللەتلەر باراۋەرلىك ئاساستىكى دېموكراتىك تۈزۈمدىن تولىمۇ يىراق. خىتايدا خەلق ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمران بولغان پارتىيە ھەربىي كۈچ ئارقىلىق خەلقنى ئىدارە قىلىۋاتىدۇ. خىتايدا غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئوخشاش دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە سايلاپ چىقىلمىدى. ئەگەر خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك دەيدىكەنمىز، ئۇ چاغدا دالاي لاما ۋە رابىيە قادىر قاتارلىقلارنىمۇ خىتايغا چاقىرىپ كېلىپ ئۇلارنىڭمۇ ئەركىن ھالدا سايلامغا قاتنىشىشىغا يول قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە يول قويۇش كېرەك. ئەمما ھازىرقى ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا يول قويمىسا كېرەك."
يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ جىڭمىن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتى ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى: "بىز ئۇيغۇرلارغا ھەم سىياسىي، ھەم دىنىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار ئۆيىدە تاۋاپ قىلسا، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش بولماقتا . ھۆكۈمەت تەكىتلەۋاتقان قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دېگەن زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەن بۇ ئاتالغۇنى چۈشۈنەلمەيۋاتىمەن."
يىغىنغا بېيجىڭدىكى ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا بىر ئۇيغۇر ياش "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى" ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى: " مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار بۇ 60 يىلدىن بېرى ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى. بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى، بۇ يىللاردا ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرى يۆتكەپ كېلىندى. 1949 - يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي نوپۇسى ئاران 6 پىرسەنتنى ئىگىلەيتتى، بۈگۈن بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي نوپۇسى46% كە يەتتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىگە قۇرۇلغان " ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى"دە بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى بولسا 90% تىن ئېشىپ كەتتى. ئۇندىن باشقا ئاپتونوم رايوندىن تاكى يېزىلارغىچە بولغان ئىدارىلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي مىللىتىدىن بەلگىلىنىۋاتىدۇ."
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " قوش تىللىق مائارىپ " دېگىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى مائارىپىنى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇر تىلىنى سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئامېرىكىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى بىلەن خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئوتتۇرىسىدا زور پەرقنىڭ بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كەيپىياتى ئەركىن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئۆز كۆز - قاراش، پىكىرلىرىنى بىر قەدەر ئەركىن ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى سىياسىتىدىكى نۇقسانلارنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن.
يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەردىن خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى پروفېسسورى شۈ جىمىن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس زېمىنى" دېگەن قارىشىغا رەددىيە بېرىپ، خىتاينىڭ، زېمىنى چوڭ، بايلىقى مۇنبەت بۇ زېمىنغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يۇمۇرلۇق ھالدا تەنقىدلىدى: "شۇنداق، ھازىر ھۆكۈمىتىمىز ياش ئەۋلادلارنىڭ قۇلىقىغا " شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى" دېگەننى قۇيۇۋاتىدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەت مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلغۇچىلارنى مىللىي بۆلگۈنچىلەر دەپ ئۇلارغا زەربە بېرىۋاتىدۇ. بۇ خۇددى ئەر - خوتۇنلار چىقىشالمىسا، ئاجرىشىپ كېتىمەن دېگەن خوتۇننى سېنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشكە ھەققىڭ يوق، چۈنكى سېنىڭ مال دۇنيايىڭ جىق، سەن مېلىڭنى ئېلىپ كېتىمەن دېسەڭ، ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىغا دەخلى يېتىدۇ، مەن قالغان بالىلىرىمنى قانداق باقىمەن؟ دېگىنىگە ئوخشاشلا بىر ئىش."
يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدە، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەنقىدى پىكىرلەرگە نىسبەتەن نارازىلىق كەيپىياتىنىمۇ ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ھۆكۈمەتنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نى باستۇرۇشىدىكى مەيدانىنى ئاقلاپ مۇنداق دېدى: " شۇنداق، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەلۋەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسەتنى يۈرگۈزۈش جەريانىدىكى بەزى تەڭسىزلىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، بۇنى قانۇنىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن ھازىرقى چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي دۆلەت تېررىتورىيىسىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى نۇقتىسىدىن شىنجاڭ مەسىلىسىدە تۇتقان يولى توغرا، چۈنكى ئەينى يىللىرى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن جەنۇب -شىمال ئۇرۇشىمۇ ئامېرىكىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ پارچىلانماسلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش ئىدى."
يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇنىڭ پىكرىگە نىسبەتەن رەددىيە بېرىپ، بۈگۈنكى يىغىننىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزگەن مىللىي سىياسىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىكەنلىكىنى بۇنىڭغا سىياسىي تۈس بەرمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر پروگراممىسىنىڭ مۇھەررىرى مۇ جياۋ ئەپەندى ئۆز پىكرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: "خىتايدا نەدىمۇ پۇقرالارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بولسۇن؟ گەرچە شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىز ھەر قايسى مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن كەلگەنلەر، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ھەم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ يەردە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بۈگۈنكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىمىزگە ھازىرقى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قۇلاق سېلىشى ھەم بۇ پىكىرلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن دەپ قارايمەن. ئەگەر بۇ ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغان ھۆكۈمەت بولغان بولسا، ئۇ چاغدا "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم بۇلتۇر تىبەتتە يۈز بەرگەندەك ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى. خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلىپ، پۇقرالار ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولغىنىدىلا ئاندىن خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئەمەلگە ئاشىدۇ."
بېيجىڭدىكى جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئىچىدە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكرى بىر قەدەر ئەركىن ھەم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىستىكىدە بولغانلارنىڭ
[ http://www.56.comOpens in new window ]
غا كىرىپ بۇ يەردىن يىغىن تەپسىلاتىنى كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.