خىتاينىڭ 'ئاپتونوم رايونلار'دا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتى ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئاقمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى

بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى "خۇجىنتاۋنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى مۇھىم يوليۇرۇقى پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆگىنىلىۋاتىدۇ" دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى "خۇجىنتاۋنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنى ئۆگىنىش" دېگەن ھەرىكەتنى پەقەت تىبەت، گۇئاڭشى، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشا ئاپتونوم رايونلىرىدىلا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ دۆلەت كومىسسارى ليۇيەندوڭمۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، بۈگۈن يەنە خۇجىنتاۋنىڭ يوليۇرۇقىنى ئۆگىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

خۇجىنتاۋنىڭ ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىدە چوڭقۇر ئۆگەنگىدەك بېرەر يېڭى نەزەرىيە يوق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خۇجىنتاۋنىڭ ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىدە چوڭقۇر ئۆگەنگىدەك بېرەر يېڭى نەزەرىيە يوق.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خۇجىنتاۋنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يەنىلا 60 يىلدىن بۇيان دېيىلىۋاتقان "مىللەتلەر ئىتتىپاقى" دېگەندەك ئەمەلىيەتتە ئاقمىغان كونا گەپلەر. 60 يىلدىن بۇيان ئاقمىغان بۇنداق كونا گەپلەرنى يەنىلا ھەر قايسى ئاپتونوم رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىشنى تەكىتلەشنىڭ ئۆزى، خىتاينىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ۋە خەلق ئۇنى قوبۇل قىمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

خۇجىنتاۋ ئۈرۈمچىگە مەسىلىنى ھەل قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلارغا ئىلھام بەرگىلى باردى

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خۇجىنتاۋ ئۈرۈمچىگە مەخپىي بېرىپ كەلدى، ئۇ ئۈرۈمچىگە مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بارمىدى ، بەلكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلارغا ئىلھام بەرگىلى باردى.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئالدىدا تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە ، باشقا ئاپتونوم رايونلاردىمۇ 5‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدەك ۋەقە چىقىپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇنداق بىر تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر "خۇجىنتاۋنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقى" دەپ داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدە ھازىر ئىشەنچە قالمىدى، ئۆزىدە ئىشەنچە بولسا ھېچقاچان تەبرىكلەشنى مەشق قىلىش ئۈچۈنمۇ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ تۇرمايتتى. ئۇ ھازىر پەقەت باستۇرۇشقىلا تايىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

خىتاي ئەزەلدىن ئۆز ئىچىدە مەسىلە چىققاندا، باشقا مىللەتلەر رايونىدا مەسىلە پەيدا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى باشقا ياققا بۇراپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر "خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقى" دەپ داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار ، ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى قارشىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش.