خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ناھايىتى كەسكىن سوئال - سوراقلارغا دۇچ كەلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى دۈشەنبە كۈنى جەنۋەدە ئېچىلدى. يىغىندا بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەزى كەسكىن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

0:00 / 0:00

لېكىن 3 ‏ - دۇنيادىكى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر بولسا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان جەنۋە يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، سىياسى ئەركىنلىك، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك كەسكىن سوئال - سوراقلىرىغا دۇچ كەلدى.

خىتاي يىغىنغا زور كۆلەملىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن بولۇپ، يىغىندا غەرب ئەللىرىنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى تەن جازاسى، ئۆلۈم جازاسى، تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، پۇقرالار ۋە ئادۋوكاتلار ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي ۋەكىللىرىگە ناھايىتى كەسكىن سوئاللارنى قويغان شۇنداقلا خىتاينى 1998 ‏ - يىلى ئىمزالىغان "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ئەركىنلىك خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈندىگەن.

يىغىندا چېخىيە، ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللىرى پىكىر بىلدۈرگەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت رەسمىي مۇنبىرىدە 1 ‏ - قېتىم تىلغا ئېلىشى ئىدى. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يىغىن توغرىسىدا توختالدى.

جەنۋەدىكى يىغىندا پىكىر بايان قىلغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى كانادا ئىدى. يىغىندا كانادا ۋەكىلى لۇئىس مارتىن ئاۋمېيس، خىتاينىڭ سىياسى مەھبۇسلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى شۇنداقلا تەن جازاسى ئاستىدا ئالغان ئىقرارنامىنى پاكىت ئورنىدا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ كانادانى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، "كانادا، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىقلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىندارلارنىڭ جازالىنىش ئەھۋالى، سولانغان جايى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئېلان قىلىنمايۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن بىئارام بولماقتا،" دېگەن.

3 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتقان دۆلەتلەر ئاساسەن ئاۋستىرالىيە، كانادا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، چېخىيە ۋە ياپونىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بولۇپ، ئىتالىيە بىلەن ئاۋستىرىيە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشىنى، تەن جازاسىنى توختىتىشنى تەكىتلىگەن. جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئومۇمى يۈزلىك قەرەللىك تەكشۈرۈش" نامىدىكى بۇ يىغىن، خىتاينىڭ 1‏ - قېتىم كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا "ھېساب بېرىشكە"مەجبۇر بولغان يىغىنلارنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ 1 ‏ - قېتىم ب د ت نىڭ رەسمىي مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى مۇيەييەنلەشتۈرگەن دولقۇن ئەيسا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ نۇرغۇن يىتەرسىز تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى، دۆلەتلەرنىڭ بۇنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر يۈز كىشىلىك نامايىشچى يىغىن ئېچىلىۋاتقان ب د ت خىزمەت بىناسىنىڭ سىرتىدا خىتايغا قارشى نامايىش قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسىمى گېرمانىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار جەنۋەدىكى يىغىندا خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە كەلگەنلەر ئىدى.

يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە دائىر گۇمانلىرىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، سىرىلانكا، پاكىستان، زىمبابۇۋى، ئىران، مىسىر، ھىندىستان قاتارلىق 3 ‏ - دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە دائىر گۇمانلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىلاشتۇرغانىقتۇر، دەپ ئەيىبلىگەن. يىغىندا خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى لى باۋدۇڭ غەرب ئەللىرىنىڭ گۇمانىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئاقلىغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان "ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك سىياسىتى" "ھەر مىللەت خەلقىنى مەنپەئەتدار قىلىۋاتىدۇ"، دېگەن.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىپىدىكى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋۇ يۈنتۇڭ خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىدىكى ئادالەت مەسىلىسى ۋە ئۆلۈم جازاسىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش شەرت - شارائىتىنىڭ ھازىرلانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ "جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش شەرت شارائىتى ھازىرلانمىدى. لېكىن ئۆلۈم جازاسى ئېھتىيات بىلەن قاتتىق كونترول ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۆلۈم جازااسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جازالار ئاشكارا يولغا قويۇلماقتا. بەزى دۆلەتلەر ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش، بولۇپمۇ زوراۋانلىق قوللانمىغان جىنايەتلەردە ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش تەكلىپى بەردى. بىز بۇنى جىددىي ئويلىشىۋاتىمىز. جۇڭگو ئاساسىي قانۇنىدا سوت ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ. مەمۇرى ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلار ياكى شەخسلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە ئۇچرىمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىدا ئادالەت مەسىلىسى مەۋجۈت، دەپ قارايدىغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭچە 30 يىل مابەينىدىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش بىر تۈرلۈك ئىقتىسادى تەرەققىياتنى بەرپا قىلىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ شەخسى ھاياتىغا مەلۇم ئەركىنلىك ئاتا قىلدى. ئەلۋەتتە بىز يەنە ھوقۇقنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى بايقىدۇق. لېكىن بۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئاۋام خەلقنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشىگە توسالغۇ بار شۇنداقلا ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ بەزى ساھەلەردە جۈملىدىن مۇھىت ۋەيرانچىلىقى، خىيانەتچىلىك، يەر مۈلۈك توقۇنۇشى، ئىجتىمائىي ئەنسىزلىك ساھەلىرىدە يامان تەسىر ياراتتى. ئىقتىسادى تەرەققىيات خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىماي، بەلكى مەلۇم جەھەتلەردە ئۇنىڭ يامانلىشىشىغا تۆرتكە بولدى."

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئىپادىسىنى تەنقىد قىلغان تەشكىلاتلار يالغۇز كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەمەس.

يېقىندا مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا سۇنغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەنلىكىنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش شۇنداقلا ئۆكتىچى زاتلار ۋە دىنىي مۆتىۋەرلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈنكى يىغىندا سوئال قويغان ۋە تەكلىپ بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپ ۋە سوئاللىرىغا چارشەنبە كۈنى جاۋاب بېرىدىكەن.