خىتاينىڭ نارازىلىقى دالاي لامانىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى توسۇپ قالالمىدى

خىتاي، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاقساراينىڭ باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىش پىلانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قانداق سالاھىيەت ۋە ھەر قانداق بىر شەكىلدە دالاي لاما بىلەن مۇناسىۋەت باغلىشىغا، خىتاي تەرەپنىڭ ئوچۇق ۋە قەتئىي ھالدا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن" :ئۆتكەن يىلى 11 ‏- ئايدا پرېزىدېنت ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارغان شۇنىڭدەك جۇڭگو تەرەپ رەھبىرى، ھەر قانداق بىر دۆلەت رەھبىرى ياكى ھۆكۈمەت خادىملىرى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقاندا مەيدانى ئېنىق بولۇشى، ئامېرىكا تىبەت بۆلگۈنچىلىرىنىڭ، ئامېرىكا تۇپرىقىدا جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى سەزگۈر بىر مەسىلە قاتارىدا سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك".

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى بىلل بۇرتۇن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۆزىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېنىق شەرھىلىگەنلىكىنى، ئوبامانىڭ ئەسلىدىكى بۇ قارىنىڭ ھەرگىز ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى باياناتچى بۇرتۇننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "دالاي لاما خەلقئارادا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان دىنىي ۋە مەدەنىيەت داھىي، پرېزىدېنت ئوباما دەل دالاي لامانىڭ شۇ خىل سالاھىيەتلىرى يۈزىسىدىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ."

ئەمما خەۋەردە، ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىدىغان كۈنى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى بۇرتۇن پەقەت پات ئارىدا مەزكۈر ئۇچرىشىشنىڭ كۈن تەرتىپىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى يەنە، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرىدىن لودى گەرى ۋە كېلساڭ گيالتسېنلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دالاي لامانىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان 10 كۈنلۈك زىيارىتىدە كالىفورنىيە ۋە فلورىدا شىتاتلىرىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى، 17 ‏- ۋە 18 ‏- فېۋرال كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئىككى كۈن زىيارەتتە بولۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تەرەپ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان ھامان، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما جاۋشۈ دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ سۆزدە ۋە ھەرىكەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە خىتاينىڭ ئورگان مەتبۇئاتلىرىدىن ھېسابلانغان "خەلق گېزىتى" ۋە "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" دە خىتاي مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ، جۇڭگونىڭ بۇ قېتىم ئۆز غۇرۇرىنى قوغداشتا چىڭ تۇرغانلىقى، دالاي لاماغا ئوخشاش دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىشتە، مەيلى قانداق كۈچلۈك دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ماقالىلىرى ناھايىتى كۆپ ئېلان قىلىندى.

گەرچە دالاي لاما تىبەت ياشلىرىدىن "تىبەت مەسىلىسى" دە تىنچلىق يولى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بولسا ئۆز خەلقىگە "ئالىي ئاپتونۇمىيە" بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى قالپاقلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. خىتاي يەنە، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، دىنىي ۋە مەدەنىيەت داھىسى بولغان دالاي لامانىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىگە ئىزچىل تۈردە قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.