2009 - يىلى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قەيسەرى شەھىرىدىكى تۈركىستان مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھال سورىغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ قەيسەرىگە كېلىپ قەيسەرى ۋالىيسى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.
ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەمەت ئۆزھاسەكى ئەپەندى بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن 4 كۈن كېيىن، يەنى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ قەيسەرىگە، قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەمەت ئۆزھاسەكى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن. بۇ بىر مەخپىي زىيارەت بولغاچقا مەتبۇئاتلاردا يەر ئالمىدى.
خىتاي ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭنىڭ قەيسەرى زىيارىتىدىن 4 كۈن كېيىن يەنى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل ئۇيغۇر مەھەللىسىگە بېرىپ ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىلنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 200 ئائىلە ئۇيغۇرغا بۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
