ئاتمىش يىللىق تارىخ ھەققىدىكى ئوبزورلار

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، ئامېرىكىدا خىتاي دېموكراتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدىغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. خىتايدىكى تونۇلغان ئەربابلارمۇ 60 يىللىق تارىخقا باھا بېرىپ چەتئەللەردە ئوبزورلار ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

بېيجىڭدا 60 يىللىق چوڭ تەبرىك داۋاملىشىۋاتقاندا، خىتايدىكى تونۇلغان ئەربابلار 60 يىللىق تارىخقا باھا بېرىپ چەتئەللەردە ئوبزورلار ئېلان قىلدى.

ماۋزېدوڭ قاتارلىق كىشىلەر ئەركىنلىك، دېموكراتىيە دېگەن شوئارغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ئالما گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، 1950‏ - يىللىرىدا ماۋزېدوڭنىڭ كاتىپى بولغان، 59‏ - يىلى 'چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش' دېگەن ھەرىكەتكە قارشى پىكىردە بولغانلىقى ئۈچۈن 'پارتىيىگە قارشى گۇرۇھقا چېتىلدى' دەپ جازالىنىپ چېگرا رايونغا سەككىز يىللىق پالانغان، قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن تەشكىلات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان دۆلەتتە ئىزچىل ھالدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان 92 ياشلىق لى رۈي ئەپەندى ئاتمىش يىللىق تارىخ ھەققىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا 'ماۋزېدوڭ قاتارلىق كىشىلەر ئەركىنلىك، دېموكراتىيە دېگەن شوئارغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىنلا دېموكراتىيىنى رەت قىلىپ، خىتاي خەلقنى چەكسىز بالاسى ئاپەتكە مۇپتىلا قىلدى، دەپ كۆرسەتتى ۋە ئەمدى ھازىرقى رەھبەرلەر بۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتسا، زامانغا لايىق ئىش قىلىپ دېموكراتىك نىزام بۇيىچە ئىش قىلىشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلدى.

1949‏ - 9‏ - ئاينىڭ 29 ‏ - كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە قوبۇل قىلىنغان 'بىرلەشمە خىتابنامە' دە، دۆلەتكە كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ، دېگەن ماددا يوق

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1980‏ - يىللاردىكى باش سېكرېتار جاۋزىياڭنىڭ كاتىپى، مۇشۇ ئاتمىش يىلدا خەلق مەنپەئەتى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ ھەسسە قوشقان، ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قاتتىق ئەپسۇسلانغان باۋتوڭ ئەپەندى ' مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە 1949‏ - 9‏ - ئاينىڭ 29 ‏ - كۈنى قوبۇل قىلىنغان 'بىرلەشمە خىتابنامە' دە، دۆلەتكە كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ، دېگەن ماددا يوق. ئۇنىڭدا ھەتتا پرولېتارىيات دىكتاتورىسى، سوتسىيالىزم، ماۋزىدوڭ ئىدىيىسى، دېگەن سۆزمۇ يوق ئىدى. بۇ خىتابنامىنى ماۋزېدوڭ ئىجرا قىلمىدى. 'بىرلەشمە خىتابنامە' دە ھۆكۈمەتنى ئومۇم سايلام ئۆتكۈزۈپ سايلاش، دېگەن ماددا بار، بۇنى دېڭ شاۋپىڭ 'تۆتتە چىڭ تۇرۇش دېگەننى' ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق يوققا چىقاردى. ھازىرقى رەھبەرلەر ھەتتا 89‏ - يىلدىكى قانلىق باستۇرۇشتىن ئىبارەت بىر تارىخىي مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، يەنە 60 يىلنى چوڭ تەبرىكلەپ خاتالىقلارغا ھاياجانلىنىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسەتتى.

60 يىللىق چوڭ تەبرىكنىڭ شەكلىدە ‏ھېچقانداق 'جۇڭگوچە' نەرسە يوق

رادىئومىزنىڭ ئاتمىش يىللىق تارىخ دېگەن تېمىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 'خىتاي ئىشلىرى تور بېتى' نىڭ باش مۇھەررىرى ۋۇ فەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى 'جۇڭگوچە' دەيدۇ، ئەمما بۇ قېتىم خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ پاراتتا زەمبىرەك، تانكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىلا كۆرسەتكەنلىكى خۇددى رۇسىيە قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزگەن پاراتقا ئوخشاپتۇ. پاراتتا خوتۇن - قىزلارنى كۆرسەتكەنلىكى شىمالى كورىيىگە ئوخشاپتۇ. دېمەك، 60 يىللىق چوڭ تەبرىكنىڭ شەكلىدە ‏ھېچقانداق 'جۇڭگوچە' نەرسە يوق. مەزمۇنى جەھەتتىن ئېيتقاندا، زور چىقىم بىلەن بۇنداق چوڭ ھەشەمەت قىلىشنىڭ خەلققە ھېچقانداق پايدىسى يوق، بۇنداق ھەشەمەتچىلىك كىمنىڭ ئېھتىياجى؟ شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ پەقەت كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئېھتىياجى، ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا، خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ نىشانىنى بۇراش ئېھتىياجى' دەپ كۆرسەتتى.

بۇنداق چوڭ پاراتنى گىتلېر دەسلەپتە تازا تەرەققىي قىلىۋاتقاندا كۆرەڭلەپ، كېيىن راۋانلىققا يۈزلەنگەندە جاسارەتلىنىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن

89‏ - يىلىدىكى تىيەنئەنمېن شىرلىرىنىڭ ئاپتورى ۋېي جىنشېڭ رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان ئوبزورىدا 'بۇنداق چوڭ پاراتنى گىتلېر ئۆتكۈزگەن، ئۇ دەسلەپتە تازا تەرەققىي قىلىۋاتقاندا كۆرەڭلەپ ئۆتكۈزگەن، كېيىن راۋانلىققا يۈزلەنگەندە جاسارەتلىنىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن. خىتاي ھاكىمىيەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ چوڭ پارات كېيىنكىسىگە ئوخشايدۇ. بۇ خەلقتىن قورقۇپ كېتىپ قىلىۋاتقان ھەربىي پارات. بۇ قېتىمقى چوڭ پاراتتا 'ياشىسۇن ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى' دەپ شوئار توۋلاش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئۆزىگە 'يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش ئوكۇلى' سېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا، ماۋزېدوڭنىڭ ھېچقانداق ئىدىيىۋى مۈلكى يوق. ئەمدى خەلق شۇ زۇلۇم دەۋرىگە قايتىشنى ئويلامدۇ؟ بۇ كىمنىڭ ئېھتىياجى؟ بۇ ھازىر زاۋاللىققا يۈزلەنگەن كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئېھتىياجى. خىتاي چوڭ پارات ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، مەن ئامېرىكىدا، خىتاينىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدىغان كۆچمە كۆرگەزمە ئاچتىم' دەپ بايان قىلدى.

دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن نامراتلار تۈگەيدۇ، دەپ قارايتتۇق، ھازىر 60 يىل بولغاندا قارىساق دۆلەت باي، ئەمما خەلق يەنىلا شۇنداق نامرات

1949‏ - يىلى دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدا مۇخبىرلىق قىلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پۇ نىڭ بايان قىلىشىچە، دۆلەت قۇرۇلغاندىكى ھەربىي پارات چوڭ ئۆتكۈزۈلمىگەن، ئۇ چاغدا دۆلەت نامرات ئىدى، دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن نامراتلار تۈگەيدۇ، دەپ قارايتتۇق. ھازىر 60 يىل بولغاندا قارىساق دۆلەت باي، ئەمما خەلق يەنىلا شۇنداق نامرات، بۇنداق نامراتلارنى كۆركەم شەھەرلەردە كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇلار دەردىنى ئېيتقىلى شەھەرلەرگە كېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتتە ھازىر يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىۋاتىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە شۇنچە كۆپ ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، شۇنچە كۆپ ئادەمنى نەچچە يىل مەشىق قىلدۇرۇپ، بۇنداق چوڭ ھەشەمەتچىلىك قىلىش خەلققە ئۈستىلەپ سېلىق سالغانلىق.

60 يىللىق چوڭ تەبرىكتىن بۇ دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈلۈپ چىققانلىقىنىڭ بەلگىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ

خوڭكوڭدا چىقىدىغان داگوڭباۋ گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى لو فۇ خىتايدا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن ئەرباب، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، دۆلەت قۇرۇلغاندا مەن ھاياجانلانغان، ئەينى ۋاقىتتا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنى 'بىرلەشمە ھۆكۈمەت' دەپ ئېلان قىلغان ئىدى، كېيىن ئۇنداق بولماي چىقتى. بۇ قېتىم 60 يىلنى خاتىرىلەش ناھايىتى چوڭ بولدى، ئەمما بەكلا غەلىتە. ئۇنىڭدىن بۇ دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈلۈپ چىققانلىقىنىڭ بەلگىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆتۈرۈلگەن بولۇشى، سىياسىي جەھەتتە دېموكراتىيە ۋە قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىنىدىغان بولۇشى، بۇ ئىككى جەھەتتىن تەڭ - باراۋەر تەرەققىي قىلغان بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇنىڭدىن ئەسەر يوق.