بىر ۋەكىل مەركەزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە پىكىر بېرىشكە جۈرئەت قىلدى

ئادەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئاۋاز چىقمايدىغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، تۈنۈگۈن “شىنجاڭ ۋەكىللىرى” دەپ ئاتالغان توپ ئىچىدىكى بىر تۇڭگان ۋەكىلدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ “شىنجاڭ سىياسىتى”نى ئەيىبلەيدىغان ئوخشىمايدىغان سىياسىي ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ چىقتى

0:00 / 0:00

ئىككى چوڭ يىغىندا خىتاينىڭ “شىنجاڭ سىياسىتى” توغرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىر قويۇشقا جۈرئەت قىلغان بىر ۋەكىل

“جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى” نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا، ئادەتتە “ۋەكىل” دەپ ئاتالغان كىشىلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئاۋاز چىقمايتتى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كەسكىن تەلەپپۇز بىلەن تەنقىدلەش كۆرۈلۈپ باقمايتتى. ئەمما تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا، بىر “ۋەكىل" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئېچىش سىياسىتى" نى شۇ رايوندا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان يەرلىك مىللەتلەرگە مەنپەئەت كەلتۈرمىدى، دەپ ئەيىبلەشكە جۈرئەت قىلدى.

"شىنجاڭنى ئېچىش سىياسىتى يەرلىك مىللەتلەرگە مەنپەئەت كەلتۈرمىدى"

مەزكۇر گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ"شىنجاڭنى ئېچىش سىياسىتى" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان يەرلىك مىللەتلەرگە مەنپەئەت كەلتۈرمىدى، دەپ ئەيىبلەشكە جۈرئەت قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇجىژبىن ئىسىملىك تۇڭگان ۋەكىل يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، 5 - ئىيۇل توقۇنۇشىدىن كېيىن ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەمدى قايتىدىن ئويلىنىشقا چاقىردى.

“شىنجاڭ قوشقان تۆھپە، ئالغان مەنپەئەتتىن كۆپ ئارتۇق”

ئۆزىنى چوقۇم شىنجاڭدا نوپۇسنىڭ 45.6%نى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىغان خۇ ئەپەندى پىكرىدە ئالدى بىلەن "شىنجاڭ قوشقان تۆھپە، ئۇ ئالغان مەنپەئەتتىن كۆپ ئارتۇق" دەپ كۆرسەتكەن.

“بىز ئەمدى شىنجاڭدىن ئېلىپ كەتكەن تەبىئىي گاز قانچىلىك؟ بەرگەن مەنپەئەت قانچىلىك دەپ سورايمىز”

مەزكۇر گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ “شىنجاڭنى ئېچىش سىياسىتى” نى ئەيىبلەشكە جۈرئەت قىلغان بۇ ئەرباب “بىز ئەمدى شىنجاڭدىن قېزىۋېلىپ ئېلىپ كەتكەن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قانچىلىك؟ بۇنىڭدىن بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرگە بەرگەن مەنپەئەت قانچىلىك دەپ سورايمىز” دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت قازىدىغان ھەر 100 كۇپمېتىر تەبىئىي گاز ئۈچۈن بۇ رايونغا 4 يۈەن مەبلەغ سالسا، ئېلىپ كېتىلگەن ھەر بىر كۇپمېتىر تەبىئىي گازنىڭ پۇلىدىن 1 يۈەن 90 سىنتنى بېيجىڭ ئېلىۋالىدۇ.

"دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ھوقۇقى بەك چوڭ، ئەمما ئۇلار پەقەت باج تۆلىمەيدۇ"

خۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي نېفىت شىركىتى دېگەندەك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ھوقۇقى بەك چوڭ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنى بۇ رايوندا تىزىمغا ئالدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن پەقەت باج تۆلىمەيدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق “ئېچىش”نى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۇلار بىكارغا ئېلىپ كېتىپ قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرۈۋەرمەي، يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتقىمۇ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

“شىنجاڭدا نېفىت قېزىش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ رايوندا يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى ئۆرلىمىدى”

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەشكە جۈرئەت قىلغان تۇڭگان ۋەكىلنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ دەپ ئاتالغان بۇ رايوندا نېفىت قېزىش باشلانغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بۇ رايونغا مەنپەئەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ رايوندا يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى ئۆرلىمىدى.

“شىنجاڭدىكى يەرلىك 13 مىللەت بېيجىڭغا قانچە سادىق بولغانسېرى، بۇلارغا بېيجىڭدىن شۇنچە ياخشىلىق كەلمىدى”

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەشكە جۈرئەت قىلغان تۇڭگان ۋەكىلنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرپان، پىچانلاردا سۇ مەنبەلىرىنى نېفىت شىركەتلىرى ئىگىلىۋالغاچقا، داڭلىق قوغۇن، ئۈزۈم، پاختا مەھسۇلاتلىرى بىلەن 80 - يىللاردىلا بېيىشقا باشلىغان بۇ رايون، تەدرىجىي ھالدا چۆكۈشكە باشلىدى. يەرلىك خەلق ھازىر بۇ جايدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ.

شىنجاڭنىڭ بايلىقى ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رايونلار گۇاڭدۇڭ قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن بىر ئەسر كەينىدە قالدۇرۇلدى. ھازىر شىنجاڭدىكى يەرلىك 13 مىللەت بېيجىڭغا سادىق بولغانسېرى، بۇلارغا بېيجىڭدىن شۇنچە ياخشىلىق كەلمەيۋاتىدۇ.

) ۋەلى(

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.