جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت رابىيە قادىر خانىمغا 100 مىڭ ياۋرو ياردەم تەكلىپى سۇنغان

شۋېتىسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ھەققىدە بۈگۈنكى مەلۇماتلىرىمىز بابۇر مەخسۇتنىڭ شۋېتسىيىگە قانداق كەلگەنلىكى ۋە شۋېتسىيىدىكى ئىقتىسادىي ھاياتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش داۋامىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا 100 مىڭ ياۋرو ياردەم قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقى ۋە بۇ تەكلىپنىڭ رابىيە قادىر خانىم تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا بولىدۇ.

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۈگۈنكى مەلۇماتلار ئىچىدە بابۇر مەخسۇتنىڭ شېۋېتسىيىگە قانداق كەلگەنلىكى ۋە ئىقتىسادىي ھاياتى ھەققىدىكى مەلۇماتلار پەقەت بابۇرنىڭ جامائەتكە ئۆزى ئېيتقان مەلۇماتلار بولۇپ، بۇ يەنىلا تولۇقسىز مەلۇماتلار ھېسابلىنىدۇ؛ بۇ ھەقتىكى ئەڭ توغرا مەلۇماتلار، شىۋىتسىيىدە 7 ‏- ئاينىڭ2 ‏- كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان سوتتىن كېيىن تېخىمۇ ئايدىڭلاشقۇسى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.