ستىفېن خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتىدە بەزى نازۇك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خىتايدا زىيارەتتىكى كانادا باش مىنىستىرى ستىفېن خارپېر پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەىسى خۇ جىڭتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسۋىتىگە دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ستىفېن خارپېر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى قويغان.

ئىقتىساد ۋە سودا كانادا باش مىنىستىرى ستىفېن خارپېرنىڭ 4 كۈنلىك خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ نىگىزلىك مەسىلىدۇر. كانادا بىلەن خىتاي پەيشەنبە كۈنى ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى، مېنىرال بايلىقلارنى ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەردە بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىملەر كانادانىڭ كيۇبېك ئۆلكىسىدىكى مونترىيالدا يېڭى خىتاي كونسۇلخانىسى ئېچىش، كاناداغا ئالدىنقى قاتاردىكى ساياھەت دۆلەتلىك ئورنى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ستىفېن خارپېر زىيارىتىنىڭ 2 ‏- كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، "خىتاي‏ - كانادا ھەمكارلىقىنىڭ كېلەچىكى داغدام" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋېن جياباۋ بولسا تەرەپلەرنىڭ "ئېنىرگىيە، مۇھىت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەنلىكى"نى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ تەرەپلەرنىڭ كانادا - خىتاي ئارىسىدا بىر مەزگىللىك سوغۇقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى نازۇك مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى يېشىلدى، دېگەنلىك ئەمەس ئىدى.

كانادا - خىتاي ئارىسىدا نازۇك مەسىلىلەردىكى بۇ ئىختىلاپ ستىفېن خارپېرنىڭ 5 يىلدىن بېرى خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ كەلگەن. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پەيشەنبە كۈنى ستىفېن خارپېر بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خارپېرنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينى زىيارەت قىلىپ باقمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، "بۇ كېچىككەن بىر زىيارەت" دېگەن. ئۇ، "بۇ سىزنىڭ جۇڭگودا ئېلىپ بارغان تۇنجى سەپىرىڭىز شۇنداقلا يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدۇر. 5 يىل جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن بەك ئۇزۇن ۋاقىت. شۇڭا بەزى مەتبۇئاتلار ئېيتقاندەك بۇ كېچىككەن زىيارەتتۇر."

ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزى كانادادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە كەڭ يەر ئالدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ۋېن جياباۋنىڭ سۆزى ستىفېن خارپېرنى كۆپچىلىك ئالدىدا ئاشكارا تەنقىدلىگەنلىك، دەپ مۇھاكىمە قىلىنغان.

لېكىن ستىفېن خارپېر ۋېن جياباۋغا تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرگەن. ئۇ " مەن باش مىنىستىرنىڭ 5 يىل ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت دېگەن سۆزىگە قوشۇلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىزنى ۋە رەئىس خۇ جىنتاۋنى دۆلىتىمىزدە كۈتۈۋالغىنمىزغا 5 يىل بولۇپ قالدى. مەن بىزنىڭ بۇ مۇھىم دەۋر بۆلگۈچ ئىش ‏- ئىزلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالدىمىزدىكى مۇناسىۋىتىمىزنىڭ خاتىرە كۈنلىرىدە سىزنىڭ ۋە رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ كانادانى زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بار، دەپ قارايمەن" دېگەن.

كانادا - خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆز ‏- ئارا زىيارەتلىرىنىڭ كېچىكىشىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىختىلاپتىكى بەزى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ رولى بار ئىدى. ئىختىلاپتىكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى يۈەنخۇا شىركىتىنىڭ مۇدىرى لەي چاڭشىڭ دىلوسى ۋە ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدۇر. كانادا كانۋەست ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەزكۇر زىيارەت توغرىسىدىكى بىر خەۋىرىدە، ستىفېن خارپېرنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ستىفېن خارپېر مۇخبىرلارغا بەرگەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى مەلۇماتىدا، "مەن، بىز ئومۇميۈزلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى ۋە بەزى كونكرېت دىلولارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، مەيلى بۇ مەسىلە سىلەر قىزىتىپ دائىم تالاش ‏- تارتىش قىلىدىغان كونكرېت دىلولار ياكى تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاش كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر بولسۇن، بۇ مەسىلىلەرنى دائىم دوستانە ۋە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك،" دېگەن.

لېكىن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، نۆۋەتتىكى شەرت ‏- شارائىت ئاستىدا ستىفېن خارپېرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجابىي نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئىنكار قىلىپ، كانادا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ":ھۈسەنجان جۇڭگو پۇقراسى، ئۇ كانادا پۇقراسى ئەمەس. ھۈسەنجان تېررورچى تەشكىلات شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بولسا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1276 ‏- ئىمبارگو كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىدىكى تېررورچى تەشكىلاتتۇر. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجاننى سوتلىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مەسىلە" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ستىفېن خارپېر خىتايغا سەپەر قىلىش ئالدىدا، مەملىكەت ئىچىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كانادا پارلامېنتىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغان ئەزالار ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئاممىۋى گۇرۇھلار ۋە شەخسلەرنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

كانادا بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان مەيدانىدىكى پەرقلەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوشما باياناتىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، باياناتنىڭ بۇنىڭغا دائىر 14 ‏- ماددىسىدا مۇنداق دەيدۇ" :ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاش بولمىغان تارىخ ۋە دۆلەت ئەھۋالىدىكى پەرقلەر كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراشلارنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىردەك باراۋەرلىك ۋە ئۆز ‏- ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامى ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلىدۇ."