ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 - يىلىدىكى "خەلقئارا ئەركىنلىك دەرىجىسى" رەت تەرتىپىدە، 89 دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى پۈتۈنلەي كاپالەتكە ئىگە دەپ باھالانغان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بولغان؛ 42 دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بەزى دائىرىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان دەپ باھالانغان؛ 62 دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى پەقەت قىسمەن جەھەتلەردىلا كاپالەتكە ئىگە دەپ باھالانغان.
بۇ قېتىملىق باھالاشتا 10 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار رەت تەرتىپى بويىچە: شىمالى كورېيە، تۈركمەنىستان، سومالى، سۇدان، ئۆزبېكىستان، بېرما، ئېرىتېرىيە، لىۋىيە، كېنىيە ھەم خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت.
خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى باھالاشتا يەنىلا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىغا قارىتا، چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشكىلاتلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جىەنلى ئەپەندى ھەم ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلشات ئەپەندى قاتارلىقلار بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2009 - يىللىق باھالىشىدا ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار بولغان 10 دۆلەت ئىچىگە كىرگۈزگەنلىكىنى توغرا دەپ قارىدۇ.
دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇ دوكلاتنىڭ پەقەتلا خەلقئارا جەمئىيەتلەر خىتايد تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى بولغان دائىرە ئىچىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن تەييارلانغان دوكلات ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ دەھشەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆزىتىشىگە قارىغاندا، دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرىدىن ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جىەنلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا مۇنداق دېدى: "ئەركىنلىك سارىيى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىچىدىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار 10 دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى ناھايىتى توغرا بوپتۇ. چۈنكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈزلۈكسىز ناچار بولۇپ كەلمەكتە. ئىلگىرى خىتاي بۇ خىل باھالاشلارنى ئاڭلىغىنىدا، بۇنداق باھالاشلارغا ھەر ھالدا ئېتىبار بېرىپ، ئۆزىنى ئاقلايتتى. ئەمما ھازىر خىتاي بۇ خىل باھالاشلارغا نىسبەتەن پىسەنت قىلمايدىغان بولىۋالدى. سەۋەبى ھازىر خىتاي ئىقتىسادتا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىنى ئانچە نەزىرىگە ئالمايدىغان پوزىتسىيىدە بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچىدە بولسا ئىلگىرىكى 'كومپارتىيە خەلقنىڭ سۆيۈشىگە ئېرىشىشى كېرەك' دەيدىغان شوئارىنىڭ ئورنىغا 'خەلق كومپارتىيىگە بويسۇنۇشى كېرەك' دەيدىغان نەزەرىيىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خەلقنى ئۆزىنىڭ لۈكچەكلىكى بىلەن قورقۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر كومپارتىيىنىڭ زوراۋانلىقى چېكىدىن ئاشتى دېيىشكە بولىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئەلۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش، ھەم خىتايدىكى ئاۋام پۇقرالارغا ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى جەھەتتىكى باھالاشتا نەقەدەر تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچى بىلەن كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك!"
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ئەپەندى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار بولۇپ باھالانغان دۆلەتلەر ئىچىدە 10 - دەرىجىگە تۇرغۇزۇلغانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە يەنىلا خىتايدەك بىر زوراۋان دۆلەتنى كۆزۈتۈش تېخىچە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ خىل قارىشىنى ئىزاھلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ھەم تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشغالىيەت سىياسىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 60 يىل ئىچىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەرىجىسى ئەڭ ناچار دەپ باھالىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر گەرچە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بارغانچە ناچارلىشىۋاتماقتا. پۈتكۈل دۇنيادىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر نوپۇسىدا خىتاي 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، خىتاي نوپۇسى 59%نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايغا بۇ جەھەتتىن يەنىمۇ بېسىم ئىشلىتىشى زۆرۈر.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بويىچە باھالىشى 1972 - يىلى باشلانغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان بۇ خىل باھالاش ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىۋاتماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.