خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 15 مىڭغا يېقىن مۇدىر ۋە كومپارتىيە ياچېيكا سېكرىتارلىرىنى 11 قارارغا بۆلۈپ تەربىيىلەپ بولۇشنى پىلان قىلغان.
بۇ مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنى مەخسۇس كۇرسقا ئورۇنلاشتۇرۇش نېمىلەرنى مەقسەت قىلغان ؟ ئۇلار كۇرستا نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟
خىتاينىڭ مائارىپچىلارنى سىياسىيونلارغا ئايلاندۇرۇش پىلانى
16 - ئاپرىل چارشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 - دا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە يېپىق ۋە ھەربىي ھالەتتە ئېچىلىشقا باشلىغان، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىر ۋە پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 15 كۈن داۋام قىلماقچى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان بۇ قارار كۇرس، 2003 - يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ ئورۇندا ئېچىلغان 4 - قارارلىق كۇرس ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قارارلىق كۇرسقا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن 237 نەپەر مەكتەپ رەھبەرلىرى قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۇرس جەريانىدا سىرت بىلەن ئالاقىسى چەكلەنگەن، ئوقۇش، يېتىش - قوپۇش بارلىق پائالىيىتى ھەممىسى قاتتىق تۈزۈملەر ئاستىدا، پارتىيە مەكتىپى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ ھەپتىدىكى ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇننىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، ئۇ، " مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى باشلامچىلار، مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتى بولسا مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى ئاساسىي كۈچ،" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ تۈنۈگۈن پارتىيە مەكتەپتىكى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ " كۇرسانتلار يېڭى ۋەزىيەتتە مەكتەپ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ قوش تىل مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشى كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى توڭ جىمىڭ بۇ نۆۋەتلىك كۇرسانتلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە " سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن " مائارىپنى سىياسىيونلار باشقۇرۇش" ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ پارتىيە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ تەييار بولۇشۇڭلار كېرەك " دېگەن.
ۋاڭ لېچۇئەن:"مۇقىملىق تەربىيىسىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك"
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى 2003 - يىلىدىن باشلاپ مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنى مۇشۇ خىلدىكى كۇرسلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پىلان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇئەننىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن جىددىي ھەم پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋاڭ لېچۇئەن مەزكۇر كۇرس ئۈچۈن " قوش تىللىق مائارىپنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش مۇھىم، مۇقىملىق تەربىيىسىنىمۇ بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش ئۇنىڭدىن مۇھىم" دەپ بېغىشلىما يازغان.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرىغا بۇ خىلدىكى كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەتتا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ خىتاينڭ سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن قارشىلىقنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
ھەربىي ھالەتتىكى سىياسىي ئاقارتىش
پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلغان ئالدىنقى قارار مەكتەپ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مائارىپچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۇرس مائارىپچىلارنى پۈتۈنلەي سىياسىي جەھەتتىن ئاقارتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلغان پۈتۈنلەي سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىغان كۇرس بولۇپ، كۇرسانتلار 15 كۈنلۈك ئۆگىنىش جەريانىدا " ئىلمىي تەرەققىيات نەزىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى،" "ماركىسىزملىق بەش ئىدىيە،" "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى" بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسى" قاتارلىق دەرس ھەم لېكسىيىلەرنى ئۆگىنىدىكەن ھەمدە ئوپچە ۋە ئايرىم گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئۆگىنىشتىن كېيىنكى ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەش، تەسىرات سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. ئىككى ھەپتىلىك كۇرس جەريانىدا كۇرسانتلارغا بۇلاردىن باشقا ئىلمىي ھالدا مەكتەپ باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئەمەلىي ئىلىم بېرىلمىگەن.
بۇ ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ 15 كۈنلۈك كۇرسقا قاتنىشىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىنى يەكۈنلەپ " مائارىپ ساھەسىگە قاراتقان سىياسىي بېسىمنى ئىجرا قىلغۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسى دېسەك توغرا بولىدۇ. كۇرسانتلار زىممىسىگە يەنىمۇ ئېغىر يۈكلەرنى يۈكلىدى. بىز بۇنى مەكتەپلەرگە قايتقاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا چېچىشقا مەجبۇر بولىمىز،" دېدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى پارتىيە مەكتەپتە ئېچىلغان مەزكۇر كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، "بۇ كۇرسنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رايونىمىز مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېخىمۇ مۇقىم ئىلگىرىلىتىش، ۋە مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە يولغا قويغان ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىستراتېگىيە،" دېگەن.
نۇر بەكرى ھەر قايسى مەكتەپ مۇدىر ۋە پارتىيە كادىرلىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۈچ خىل كۈچلەر قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، دىن، مىللەتچىلىك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مائارىپ ساھەسىگىمۇ سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، غەرپلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. مائارىپ بولسا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ، مۇقىملىقنىڭ ئاساسى، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سىياسىتى بولغان قوش تىللىق مائارىپنىڭ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائارىپ ساھەسىدىكى كادىرلارنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ۋەزىپىسى، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشۇشىڭلار كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ھەتتا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنى بەرداشلىق بەرگۈسىز ھالەتكە قىستاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر 8345 بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار سانى تۆت مىليون 465 مىڭدىن ئارتۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايدىن باشقا مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلار 57.4% نى ئىگىلەيدۇ، مائارىپ سېپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بولسا 40 مىڭ ئەتراپىدا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى 15مىڭدىن ئارتۇق كىشى 11 قېتىمغا بۆلۈپ كۇرۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
