"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە خىتاي مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

2010 - يىل 7 - ئىيۇل خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۇنجى قېتىم، خەلقئاراغا خىتايدىكى مەتبۇئات ساھەسى ۋە ئىنتېرنېت ھەققىدە كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. كىتابتا خىتايدىكى مەتبۇئات تەرەققىياتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىشكە قاراتقان بەلگىلىمىلىرى ۋە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ مەزكۇر كىتابنى پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن نەشر قىلىنغانلىقىنى ئىلگىىرى سۈردى.

0:00 / 0:00

كۆك تاشلىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 1994 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە بولغان 16 يىل ئىچىدە، خىتايدىكى ئۇچۇر - ئالاقە شىركەتلەرنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى 26.6٪تىن يۇقىرى بولغان ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن. كۆك تاشلىق كىتابتا خىتايدىكى ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىسىنىڭ زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكى مۇنداق بايان قىلىنغان: " 2009 - يىلى يىل ئاخىرىغىچە، ھۆكۈمەت ئىنتېرنېت ئالاقە ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن 4.3 تىرىليون خەلق پۇلى مەبلەغ سالدى. خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئوبونتلىرى 384 مىليونغا، تور بېكەتلىرى 3 مىليون 230مىڭغا، ناھىيە كەنتلەرنىڭ ئىنتېرنېت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 95.6٪كە يەتتى."

كۆك تاشلىق كىتابتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت مەتبۇئات ساھەسىدە چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەر ھەققىدە ئىزاھات بېرىلگەن. كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 2009 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىدە زور كۆلەملىك تۈزەش، زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. بىر يىل ئىچىدە 9000 تور بېكىتى تاقىلىپ، 5384 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى"نىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلان قىلغان كۆك تاشلىق كىتابنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان، پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت، مەتبۇئات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىىرى سۈردى.

" خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا، دائىم شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەرگە زەربە بېرىش نامى بىلەن پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە زەربە بېرىپ كەلدى. بۇلتۇر"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ۋەقەنى "چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى سەۋەبىدىن يۈز بەردى. بۇنىڭدا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان قۇتراتقۇلۇق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار سەۋەب بولدى، دېگەن باھانە بىلەن رايوندىكى ئۇچۇر ئالاقىسىنى قامال قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتتى. دۆلەت ئىچىدىكى تور ئابۇنىتلىرىنىڭ ھەم خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماستىن Facebookۋە Youtube قاتارلىق تور بېكەتلىرىنى خىتاي ئىچىدە پۈتۈنلەي تاقىدى. مانا ھازىر كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇلتۇردىن بۇيان خىتاي ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ خىتايدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە ئىنتېرنېت - تېلېفون ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىگە بولغان نارازىلىق ھەم تەنقىدلەرگە قارىتا باھانە كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ."

كۆك تاشلىق كىتابتا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولغان مەزمۇندىكى يوللانمىلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇلتۇر 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىنىڭ پارتلىشىدا تور بەتلىرىدىكى مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىدىغان، دۆلەت قانۇن تۈزۈملىرىگە زىت مەزمۇندىكى قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىنى ئالغان يوللانمىلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىگە قارىتا يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قويۇلغانلىقى ئىزاھلانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىلا خەلقنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قالماستىن، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىگە خاككېرلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن شارائىتتا، شەخسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى 300دىن ئاشقان. بۇ تور بېكەتلىرى ئەينى چاغدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى ئوزۇق بېرىش رولىنى ئويناپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى ياراتقان. ئەمما "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرى " قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىدى" دېگەن باھانە بىلەن بارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقاپ، تور بەت ساھىبلىرىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇ تور بەتلىرى تاكى بۈگۈنگىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىدى. ئەينى چاغدا قولغا ئېلىنغان تور بەت ئىگىلىرىمۇ قويۇپ بېرىلمىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.