خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابى ھەققىدە

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 27 - سېنتەبىر كۈنى "خىتايدىكى مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدىكى بۇ كىتابى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلغان، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدىكى 2 - ئاق تاشلىق كىتابى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 21 - سېنتەبىر كۈنى "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرلىشى " ناملىق يەنە بىر ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى خۇلاسىلىغان يەنە بىر ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ كىتابنى ئېلان قىلىشى بىلەنلا، ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى، ياۋروپا ۋاقتى گېزىتى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ياپونىيە قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلىرى ئارقا - ئارقىدىن بۇ ھەقتە خەۋەر ۋە خەۋەر ئانالىزلىرىنى بەردى.

ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقى خىتاي ئېلان قىلغان "خىتايدىكى مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، "بۇ كىتاب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە بەرگەن ئىزاھاتى" دېدى.

خىتاي بۇ نۆۋەت ئېلان قىلغان مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىدا، خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇشىدىكى سەۋەب چۈشەندۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان مىللەتلەر سىياسىتىدە نەتىجە قازانغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ 56 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان، بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە تېخى تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى بۇ خىل ئالاھىدە ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، خىتايدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن، يەنە بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئىزاھلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن، ئىقتىساد، مەمۇرى قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ،ت ئارىختىن قېلىپ قالغان مىللەتلەرگە بولغان كەمسىتىش ھەم مىللەتلەر ئارىسىدا شەكىللەنگەن مىللىي سۈركىلىشلەرنى يوقىتىپ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كەمسىتىلىشى ۋە ئېزىلىشىگە خىتاي قانۇنىنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەم مىللەتلەر ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنىڭ قانۇندا چەكلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا دۆلەتنىڭ مىللەتچىلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە، يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق سىرتقى كۈچلەرنىڭ " مىللەت"، "دىن"، " كىشىلىك ھوقۇق" بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى "تېررورچى، مىللىي بۆلگۈنچى ھەم رادىكال كۈچلەر"نىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، خىتايدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يېتىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەربىيە بېرىش، زىددىيەتنى يۇمشىتىش، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەسىلىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ھەم زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، "دۆلەت قانۇننىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغدايدۇ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلار كۆرۈلگەن ھامان، مەيلى قايسى مىللەت، ياكى قايسى دىندىكىلەر بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ" دەپ كۆرسىتىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلغان بۇ ئىككى پارچە ئاق تاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ب ب س ئاگېنتلىقى ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىدىن كېيىن ھەم خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 60 يىللىق ھارپىسىدا بۇنداق بىر كىتابنى ئېلان قىلىشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيانقى مىللىي سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ نامايەندىسى دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن " بېيجىڭ باھارى" جۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئوبزورچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ 2 پارچە ئاق تاشلىق كىتابىغا نىسبەتەن قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خۇپىڭ ئەپەندى، "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت ئېلان قىلغان مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىدا، كونكرېت مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەتلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق كۈچكە قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپتۇ، بۇ 60 يىلدىن بۇيان خىتايدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئائىت كونكرېت ئىشلار ۋە ۋەقەلەر ھەققىدە توختالمىغان. ئەمما بۇ كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان تىبەت مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتىلغانلىقى ئېنىق،" دەيدۇ.

خۇپىڭ ئەپەندى سۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ "خىتاينىڭ مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ 2 پارچە ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى مىللەتلەر سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئىپادىسى"دېگەن قارىشىغا پۈتۈنلەي قوشۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن ئەلۋەتتە دىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. بۇلتۇر تىبەتتە يۈز بەرگەن 'مارت ۋەقەسى' ھەم بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى'نىڭ ئۆزىلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيانقى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە ئەزەلدىن باراۋەرلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئەمەس، ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرگە قارىتا ئۈزلۈكسىز ھالدا كەمسىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى، شۇڭا بۇلتۇرقى 'تىبەت ۋەقەسى' ۋە بۇ يىلقى 'ئۈرۈمچى ۋەقەسى' يۈز بەردى."

خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز سۆزىدە يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن 27 - سېنتەبىر كۈنى مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7 ماددىدىن تەركىپ تاپقان " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇر ئالاقىسى ھەققىدىكى قارارى" ناملىق قانۇن بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئەركىن ھالدىكى ئۇچۇر ئالاقىسىنى بوغۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى نۇقسانلارنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى مىللىي زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىپ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور كۆلەملىك مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇرنى قامال قىلىدىغان بۇنداق قانۇن بەلگىلىمىسىنى چىقىرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدە يۈز بەرگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش نىيىتىنىڭ ئەسلا يوقلىغىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى قانداقتۇر چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق زوراۋانلىق ھەرىكىتى دەپ ئىزاھلىدى، ھەم ئاز كەم 3 ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چەتئەللەر بىلەن ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدىكى نورمال ھالدىكى تېلېفون ئالاقىسى ھەم ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۇزۇپ تاشلىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەسلى پۇقرالارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىغا يول قويسا بولاتتى، ئەمما ھازىر مەخسۇس قارار چىقىرىپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا پۇقرالارنىڭ نورمال پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ، ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى بوينىغا ئېلىش ئەمەس بەلكى كېلىپ چىققان مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ جاۋابكارلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قوي ئىزدەۋاتىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى خىتاي ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى داۋاملىق چەكلەيدىكەن، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرلا ئەمەس بەلكى خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تەكرار يۈز بېرىشى، مىللىي زىددىيەتلەرگە قوشۇلۇپ باشقا زىددىيەتمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونترول قىلالماسلىقى مۇمكىن."

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن 2 پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزاھلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلا كىتابتا خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە دائىر كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدىمەستىن مەسىلىنى چەتئەللەردىكى دېموكراتىك جەمئىيەتلەر ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئارتىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.