'خىتاي ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى سىياسىتىدە ئالاھىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايدۇ'

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى.

0:00 / 0:00

گەرچە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بۇ ھەقتە مۇئەييەن دەرىجىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئالدىراپ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتى رەئىسى دۈشەنبە كۈنى، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. نەتىجىدە خىتايغا بۇ جەھەتتە كېلىۋاتقان بېسىملار كۈچەيدى.

خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندىنىڭ رەئىسى ستراۇس كاھننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، خىتايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرسا، بۇ، دۇنيا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىكەن.

ستراۇس كاھن بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە مۇھاكىمە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكا - خىتاي سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى كېمەيتىش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئامېرىكا ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىتتسبۇرگتا ئېلىپ بېرىلغان 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلىرى ئۇچرىشىشىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوباما مۇنداق دېدى: "ئىستراتېگىيىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ئىچىدە ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئۆز (پۇل - مۇئامىلە) سىياسىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداق بولغاندا بۇ ئامېرىكا ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا ئىچىدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدۇ."

ئامېرىكا - خىتاي سودا ئالاقىسىدە، ئامېرىكا تەرەپتە ھەر يىلى قىزىل رەقەم كۆرۈلىدۇ. ئامېرىكا سودىگەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق، خىتاي ماللىرىنىڭ تەننەرخىنى سۈنئىي ھالدا تۆۋەنلىتىپ، خەلقئارا بازاردا ئادالەتسىز رىقابەت ياراتتى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.

پرېزىدېنت ئوباما باياناتىدا يەنە، ئەركىن بازار رىقابىتى ۋە خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى ھەققىدە توختالدى.

"مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى بارا - بارا بازار ئارقىلىق بەلگىلەشكە يۈزلەندۈرۈش جەھەتتە ۋەدە بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم."

ھالبۇكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى يەنىلا 40 پىرسەنت تۆۋەن تۇتۇپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوتكەن 3 يىل جەريانىدا خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى 20 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ئۆرلەش 2008 - يىلىدىن بۇيان توختاپ قالغان.

بلۇمبېرگ تېلېۋىزىيىسىدە نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كلايد پرېستۋىتز، خىتاي شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سودىدا ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى سىياسىتىدە نۆۋەتتە ئالاھىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايدىكەن. "خىتاي تەرەپ ئانچىكى ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىن، ئەمما بۇ يەردىكى، بارا-بارا دېگەن سۆز بەك ھالقىلىق. مەنچە تۇيۇقسىز غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ كەتمەيدۇ."

خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى، ئامېرىكا - خىتاي سودا دىئالوگلىرىدىكى سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ خىتاي تەرەپتىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.

ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.

16 ‏- نويابىر دۈشەنبە كۈنى، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتى رەئىسى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئاشۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خىلدىكى چاقىرىقلارنى رەت قىلدى ۋە خىتاينىڭ پۇل - مۇئامىلە سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.