مۇتەخەسسىسلەر ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانۇنى» دىكى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ماددىسى ھەققىدە توختالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا قانۇن چىقىرىپ،«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» نى ماقۇللىغان.

0:00 / 0:00

بىراق، بەزى ئانالىزچىلار مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا ماقۇللىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» نى تونۇشتۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چاقىرغان يىغىندا، دائىرىلەر 1‏-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان مەزكۇر قانۇننىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا كىشىلەرنى «ئادىل ۋە باراۋەر پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ ئەڭ نېگىزلىك نۇقتىسى كىشىلەرنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ماددىلاردۇر. ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا دىنىي، ئېتنىك، ئىرقىي، سالامەتلىك ياكى جىنسىي جەھەتتىكى پەرقلەر سەۋەبلىك كەمسىتىلىشكە ئۇچۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر يۇقىرىقى ئامىللار سەۋەبلىك كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغۇچىلار بولسا، ئۇلارنىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، ئىرقىي، ئېتنىك ۋە باشقا سەۋەبلەردىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە. شۇنداقلا بۇ رايوندا ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋاتقان نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كۆچمەنلەر ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئابلاجان لەيلىنامان مەزكۇر قانۇننىڭ چىقىرىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

نۇرغۇن خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەشكىلاتلار «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇرۇن ۋە شۇنداقلا «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، رايوندا يەنە مىللىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.

مەزكۇر قانۇننىڭ كەمسىتىشنى چەكلەپ، ئادىل ۋە باراۋەر خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكە زادى قانچىلىك كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىغا ھازىر بىر نېمە دېمەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق بەزى ئانالىزچىلار مەزكۇر قانۇننىڭ رولىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا قانۇن پارتىيە كونتروللۇقىدا بولۇپ، نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان بەزى دېلولاردا ئۈزۈل-كېسىل قارار چىقىرالايدىغان مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى يوق. ئابلاجان لەيلىنامان: شۇڭا بۇ ئەھۋالدا كەمسىتىشكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش يەنىلا قىيىن بىر مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئۆتكەن يىلى 10‏-ئايدىن بۇرۇن تەييارلاپ بولغان. مەزكۇر قانۇن 1‏-فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى، كەمسىتىشكە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھوقۇقى قانداق قوغدىلىدىغانلىقى، كەمسىتكۈچى تەرەپنىڭ قانداق جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس. «قانۇن گېزىتى» ئۆتكەن يىلى 10 ۋە 13‏-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرلىق باسقۇچىدىكى مەزكۇر قانۇن لايىھىسى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى مەملىكەتلىك قانۇنىنى ئۈلگە قىلىپ تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مەملىكەتلىك قانۇنىنىڭ 3-26-ۋە 25‏-ماددىسى شۇنداقلا 29 ۋە 31 ‏-ماددىسى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ماددىلاردۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان 2011‏-يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرىدا كەمسىتىشكە قارشى نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاياللارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن، دائىرىلەر مەزكۇر قانۇننى ئاقلاپ، ئۇنىڭ رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئادىل ۋە باراۋەر خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى، مەزكۇر قانۇندا ھەر خىل كارخانىلارنىڭ يەرلىك خەلقنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى، بولۇپمۇ يەرلىك مىللەتلەرنى ئالدى بىلەن خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىپ، يەرلىك مىللەتلەرنى ئالدى بىلەن خىزمەتكە قوبۇل قىلىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.