5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىىۋىتىگە بولغان تەسىرى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئارقا - ئارقىدىن بەرگەن باياناتى خىتايلارنى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىشى خىتايلارنى بىئارام قىلدى.

0:00 / 0:00

خىتايلار تۈركىيىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە ، تۈركىيىدىكى بەزى ئوبزورچىلار باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق ‏ - ئاشكارا ياردەم قىلىشىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ئارىسىغا كىردىمۇ؟ 5 - ئىيئۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور سىنان ئوگان ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.