3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى نەشرىيات باشلىقى گو شاۋيوڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سائادەت لاچىنەر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. گو شاۋيوڭ كىتاب سوۋغات قىلىش مۇراسىمىدا، سوۋغات قىلىنغان كىتابلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتى، ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، مىللەتلىرى ۋە دىنى توغرىسىدىكى كىتابلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ تۈركىيىگە بۇ كىتابلارنى سوۋغات قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ تۈرك خەلقىگە خىتايلارنى توغرا چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇساك باشلىقى سائادەت لاچىنەر ئەپەندى، بۇ كىتابلار سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ، تۈركلەرنىڭ خىتاينى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭدىن باشقا، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گوڭ شاۋشېڭ شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە مۇخبىرى زېڭ جېنفانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ، 5" - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن تۇركىيە - ختاي مۇناسىۋەتلىرىدە داۋالغۇشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭ ئىلگىرىلەش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
گوڭ شاۋشېڭ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقىلىغا 39 يىل بولغانلىقى، بۇ 39 يىل جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشلاردىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىستانبۇل بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرغانلىقىنى، ئوقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتايچە ئۆگىنىش مەركىزى قۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشى بىلەن تۇركىيە - ختاي مۇناسىۋەتلىرىدە داۋالغۇشلار بولغان ئىدى. بەزى سىياسىي تەھلىلچىلەر خىتايلارنىڭ تۈركىيىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەكسىچە خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى ئارقا ئارقىدىن تۈركىيىگە كېلىپ تۈركلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
تۈركىيە خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى خىتايلار سوۋغات قىلغان كىتابلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىمىز ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمى ئاچتى. بۇ مەركەزدە كۇتۇپخانا قۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز. بۇ بۆلۈم 25 دۆلەتنى تەتقىق قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار. بىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى دېگەن ئىدۇق. بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇنىڭدىكى مەقسەت تۈركىيىدىكى ئاسىيا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. بىز ياپونىيە، كورىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەردىنمۇ كىتاب ئالماقچى. شۇڭا بۇنىڭدا باشقا بىر مەقسەت يوق".
سەلچۇق چولاقوغلۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ياخشىلانماي تۇرۇپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى راۋان تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
5 - ئىيۇلدىن 9 - ئايغىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە مەسىلە چىققان ئىدى. 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك تۈگەشكە باشلىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرمۇ ھەل بولۇشى كېرەك. خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ياخشىلىماي تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش تەس. ئىككى دۆلەت دوست بولىمىز دەپ مەسىلىلەرنى كۆرمەسلىككە سالسا بولمايدۇ".
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
