مۇھەممەد كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ساقچىخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان

يېقىندا ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قەشقەر ۋىلاىيىتىنىڭ مەكىت ناھىيە 3 ‏- يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دوستى ئابدۇرېيىمجاننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ساقچىلار مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە ئوغلىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بۇنىڭدىن 20 - 25 كۈن ئىلگىرى خەۋەر قىلغان ۋە ئۈرۈمچىگە چاقىرتقان.

مەرھۇم مۇھەممەد كېرىمنىڭ ئائىلىسى ئۈرۈمچىگە بارغان ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ساقچىلار جەسەتنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەي ئۈرۈمچىدە بىر قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىپ ئائىلىسىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆمۈۋەتكەن.

ساقچىلار مۇھەممەد كېرىمنىڭ ئائىلىسىگە ئوغلى ھەققىدە "ئۆلۈپ كەتتى" دېيىشتىن باشقا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. بىراق، ئۇنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئېيتىلماقتا، ئىگىلىنىشىچە، مۇھەممەد كېرىم ئۆلۈپ كېتىشتىن 3 - 4 ئاي ئىلگىرى تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن.

ئابدۇرېيىمجاننىڭ ئېيتىشىچە، مۇھەممەد كېرىم مەكىت ناھىيىسى 3 ‏- يېزىدا ئولتۇرۇش بىر كادىر ئائىلىنىڭ ئوغلى، مەرھۇم بۇ يىل 37 ، 38 ياش ئەتراپىدا بولۇپ دادىسى كەنت كادىرى ئىكەن، مەرھۇمنىڭ 4 پەرزەنتى بار.

مەرھۇم مۇھەممەد كېرىم ئىلگىرى يەنى 2002 - ۋە 2003 ‏- يىللاردا بىر قانچە قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنغان، نەتىجىدە مەرھۇم مۇھەممەد كېرىم گەپ قىلالماس بولۇپ قالغان، يەنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندە گەپ قىلالماس ھالەتتە چىققان.

مەرھۇم ئۇ ۋاقىتتا تۈرمىدىن چىققاندا ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، گەپ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەلمەي خەت يېزىش ئارقىلىق مۇئامىلە قىلغان ئىكەن. مەرھۇم مۇھەممەد كېرىم دىنىي تەربىيە ئالغان، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن كىشى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.