3 - ئاپرىل، خىتاينىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىن ئىشەنچىلىك دەپ تاللىغان يەنە بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بېيجىڭ، شاڭخەي، شەندوڭ قاتارلىق خىتاي يۇرتلىرىغا قاراپ يولغا چىققان.
قايتا تەربىيىلەنگەن دىنىي زاتلار 350 كە يەتتى
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر تورلىرىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلامىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن 50 نەپەر ياش ۋە ئوتتۇرا ياش دىنىي زاتلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئېكىسكۇرسىيە ئەترىتى بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاراپ يولغا چىققان.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى " ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى" نامىدا 7 - قېتىم قايتا تەربىيىلەشكە ئۇيۇشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر بۇ كۇرسلاردا مۇشۇنىڭدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك قايتا تەربىيىسى كۆرگەن دىنىي زاتلار 350 كە يەتتى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تاللاشتا، ئۇلارنىڭ دىنىي بىلىم سەۋىيىسى ياكى ئىلىم ساپاسىغا ئەمەس بەلكى ئۆزلىرى كۆزلىگەن سىياسىي ساپانى شەرت قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغان، مۇقىملىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىغا شەرتسىز ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنى قوغداشقا خىزمەت قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى، خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ بىلىدىغانلارنى تاللىماقتا ھەم ئۇلارنى، پارتىيە مەكتەپلىرى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېڭىز بويى ۋە ئېچىۋېتىلغەن، بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان شەھەر رايونلارغا ئاپىرىپ ئېكىسكۇرسىيە ھە، قايتا تەربىيىلەش ئېلىپ بارماقتا.
ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش ئۈچۈن....
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى شاۋكەت ئىمىن، ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇزۇتۇش ئالدىدا ئۇلارغا، تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنى كۆرۈپ ئېكىسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ پارتىيە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ،سىياسىي ئويغىنىش ھاسىل قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە خەلققە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغداش،دىنىي ۋە مىللىي سىياسەتلەرنى ھىمايە قىلىشتا ئاكتىپ تەشۋىقاتچى، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تەييارلىنىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقىدەك مۇقىم ۋەزىيىتىنى ئىلگىرىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىزىنى بېسىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ بايانلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي زاتلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ قايتا تەربىيىلەش تاكتىكىسىنىڭ مەقسەتلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
مەلۇم بولغاندەك خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزى تۇتۇش، ھەجگە بېرىشكە ئوخشاش نورمال دىنىي ئېتىقادىغا ئېغىر چەكلىمىلەر قويۇپ كەلمەكتە. ھەتتا دىنىي ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان مەسچىت ئىمام مەزىنلىرىنىمۇ ئۆزلىرى بېكىتىپ، دىنىي ساھەگە خىزمەتكە قويغان بارلىق دىنىي زاتلارغا مەجبۇرى ھالدا قايتا تەربىيىلەش ئېلىپ بارماقتا.
"دىنىي زاتلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش؟"
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى يەنىمۇ ئىلغار ئىسلامىي بىلىم يۇرتلىرى ياكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئەمەس بەلكى خىتايغا ئاپىرىپ تەربىيىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ جاۋابىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئىسلامىي بىلىم يۇرتى بولغان ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان بىر ئوقۇتقۇچى ئامال بار سوئالىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى.
قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىلىك دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى دېجورنىلىقتا تۇرغان بىر خادىم دىنىي زاتلارنىڭ داۋاملىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىغا ئۇيۇشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ ئىنچىكە مەسىلىلەرنى چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەتەنپەرۋەرلىك دىنىي زات قالپىقى كىيگۈزۈلگەندە ...
ياۋروپا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستامبۇل شۆبىسىدە مۇئەللىملىك قىلىۋاتقان دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى، خىتاينىڭ دىنىي زاتلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ قايتا تەربىيىلىشىنىڭ خىتاي ئويلىغاندەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى يەنى ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئويلىغىنىدەك كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىخلاس قىلىدىغان بولۇپ قېلىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقى، ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردە بۇ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ دىنغا ئاسىيلىق قىلغانلىقى بولىدىغانلىقى شۇنداقلا خەلق تەرىپىدىنمۇ ئېتراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولغاندەك خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقنا بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزى تۇتۇش، ھەجگە بېرىشكە ئوخشاش نورمال دىننىي ئېتىقادىغا ئېغىر چەكلىمىلەر قويۇپ كەلمەكتە.
ھەتتا دىننىي ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان مەسچىتلەرنىڭ ئىمام - مەزىنلىرىنىمۇ ئۆزلىرى بېكىتىپ، دىننىي ساھەگە خىزمەتكە قويغان بارلىق دىننىي زاتلارغا مەجبۇرى ھالدا قايتا تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلماقتا.