خىتاينىڭ ' يېڭى چېگرىسى' دىكى كونا ماجىرا

"خىتاينىڭ 'يېڭى چېگرىسى' دىكى كونا ماجىرا" ناملىق ماقالە، 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يېزىلغان نادىر ماقالىلاردىن بىرىدۇر. ماقالە كورىيە ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

0:00 / 0:00

ماقالىدا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تارىخىي يىلتىزىOpens in new window ]

ۋە كېلچەكتە كۆرۈلىدىغان تەسىرى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان. ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ:

-- ئەگەر 1991 ‏ - يىلى گورباچىفقا قارشى ھەرىكەت مەغلۇپ بولمىغان بولسا -- يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلمىغان بولسا، بۇ كۈنلەردە شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن ئىسيان، رۇسىيىدىمۇ كۆتۈرۈلگەن بولاتتى. بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېقىۋاتقان قان، ئالماتادىمۇ ئاققان بولاتتى‏-- ئاپتور سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ، ‏ -- ئۇ چاغدا بۈگۈن قازاق ئىسيانكارلارنىڭ چەتئەل بىلەن ۋە رادىكال ئىسلام بىلەن ئالاقىسى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان بولاتتى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستاننىڭ ھېچقاچان دۆلەت بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ تارىختا دۆلەت قۇرغىنىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان بولاتتى. تەڭرىگە شۈكرى، تارىخ ئۇنداق بولمىدى.

ئاپتور بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، خىتاينىڭ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، رۇسىيىدىن تامامەن پەرقلىق يول تاللىغانلىقىنى، يەنى دېموكراتىيىلىشىش ئورنىغا دىكتاتورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەركىن سىياسەت يۈرگۈزۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز خەلقى بولغان خىتايلارغىمۇ ئەركىنلىك بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: " دەل مۇشۇ سەۋەبتىن يەنى تارىخنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر دوقمۇشىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي پەرقلىق ئىككى يولنى تاللىغىنى ئۈچۈن، بۈگۈن قازاقىستان بىلەن ئۇكرائىنا مۇستەقىل؛ تىبەت بىلەن شىنجاڭ بولسا ئىسيان ۋە قانلىق باستۇرۇش بىلەن تەۋرەنمەكتە."

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى خىتاي خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي خەلقىنىڭ كەلگۈسىدە بۇ قىلغىنى ئۈچۈن ئاچچىق بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە بۇنىڭ قۇرۇق پەرەز ئەمەس، تارىختا نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغانلىقىنى مىساللار بىلەن كۆرسىتىدۇ. ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1863 ‏- يىلى پولشالىقلار رۇسلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن چېغىدا، رۇسلار ئىسياننى قانلىق باستۇرغان. ئەينى چاغدا Alexder Herzen ئىسىملىك بىر رۇس ئالىمى رۇس ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، قانلىق باستۇرۇشنىڭ پولشا مەسىلىسىگە چارە بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان ئۇيغۇربىز تور بېتى قاتارلىق تور بەتلەرنى تاقىۋەتكىنىدەك، ئالېكساندىر ھەرزەننىڭ كولوكول دېگەن گېزىتى تاقىۋېتىلگەن.

خىتاينىڭ يېڭى چېگرىسىدىكى كونا ماجىرا ناملىق ماقالىدە ئاپتور يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ھەر قېتىم پۇرسەتنى قاچۇرمىغانلىقىنى 1930 - ۋە 1940 - يىللىرى 2 قېتىم شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنى قۇرغانلىقىنى، ئەمما رۇس ۋە خىتاينىڭ ھەمكارلىقى بىلەن بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. ئۇ بۇ نۇقتىغا كەلگەندە 2 ‏- قېتىملىق شەرقى تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىشىنىڭ " ستالىننىڭ سۈيقەستى" بولۇش ئېھتىماللىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، شەرقى تۈركىستان دېگەن نام قەغەز يۈزىدە قالدى. ھازىر شەرقى تۈركىستان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى."

ئاپتور ماقالىسىدا يەنە، ئەسلىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىدىكى مىللىي ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى، پەقەت زۇلۇمغا قارشى نارازىلىق ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت قانلىق شەكىلدە باستۇرۇۋاتقىنى ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن بۇ جايدا رادىكال شەكىلدە قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىقى يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: "ھازىرنى ئويلىساق، خىتاي شىنجاڭنى ۋاقتىنچە تىنجىتالايدۇ؛ چۈنكى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەازاسى بولغان خىتايغا خەلقئارا جامائەت بەك قارشىلىق كۆرسىتىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئۇزۇننى كۆزلىگىنىمىزدە، خىتاي ھېچقاچان شىنجاڭدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. چۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسى تاش ئۈستىگە سىزىلغان خەرىتە ئەمەس." ئاپتور بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، خىتاينىڭ قارشى تۇرغىنىغا ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تونۇمىغىنىغا قارىماي، مۇستەقىل كوسوۋا دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ۋە لاسادا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن، بۇ جايدىكى خىتاي خەلقىنىڭ كەلگۈسىدە ئاچچىق بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى رۇسلارنىڭ 1863 ‏ - يىلىدىكى پولشا ئىسيانىنى قانلىق باستۇرۇپ نەتىجە قازانمىغانلىقىدىن دەرس ئېلىشقا چاقىرىدۇ.

ئاپتور كونستانتي گېبېرت، پولشالىق بىر تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ ياۋروپا تارىخى ۋە پولشا تارىخى ھەققىدە 10دىن ئارتۇق كىتاب يازغان. سابىق پولشا مىنىستىرى Tadeusz Mazowiecki گە باش مەسلىھەتچى بولغان.