خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاۋاتامدۇ؟

خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربى مەشقى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەربىي مەشقنى كۆرىۋاتقان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باش شتاپ باشلىقى چېن بىڭدﯤ بۈگۈن 'شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرى'غا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى تور گېزىتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇرۇن شەرقىي تۈركستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ناھايىتى ئەۋج ئالغان جايلار ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ماقالىلار ئېلان قىلدى. 'بوشۈن تور گېزىتى' بولسا ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئارقىلىق ئاشكارىلانغان مىلى مەسىلە ۋە دىنىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى، شۇنداقلا ۋاڭ لېچۇەننىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلككىگە دائىر پاكىتلارنى ئېلان قىلدى.

'تېررورچىلىققا زەربە بېرىش مەشقى'

خىتاي بىلەن رۇسىيە 7‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ، رۇسىيىنىڭ يېراق شەرقتىكى خاباروۋىسكى شەھىرىدە ۋە خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جاۋنەن رايونىدىكى ھەربىي تەلىم بازىسىدا بىرلەشمە ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئىدى.

خىتاي بۇ ھەربىي مەشىقنى 'تېررورچىلىققا زەربە بېرىش مەشقى' دەپ جاكارلىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ھەربىي مەشق 27 ‏ - چىسلاغىچە داۋام قىلىدىكەن.

خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باش شتاپ باشلىقى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىشنى ئويلىشىدىكەن

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ' گېزىتىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، بۇ ھەربىي مەشقنى كۆرۈۋاتقان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باش شتاپ باشلىقى چېن بىڭدﯤ 'شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرى'غا زەربە بېرىش ئۈچۈن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىپ، شەرقىي تۈركستان مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ئىغۋا توقىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى تور گېزىتلىرىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى يامانلاپ كۆرسەتتى ۋە 'شەرقىي تۈركستانچىلار ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئانچە - مۇنچە نامايىش قىلىپ قويۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن' دەپ ئىغۋا توقىغان.

تىغ ئۇچىنى بىۋاستە تۈركىيە، قازاقستان، قىرغىزستان، ئۈزبېكستانلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قاراتتى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، بۇرۇن شەرقىي تۈركستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ناھايىتى ئەۋج ئالغان جايلار ئىدى، دەپ تەسۋىرلىگەن. تىغ ئۇچىنى بىۋاستە تۈركىيە، قازاقستان، قىرغىزستان، ئۈزبېكستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قاراتقان.

بۇ ماقالىدە يەنە 'تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركستانچىلار 997‏1 - يىلى 3‏ - ئايدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان ئىدى. دەسلەپ جۇڭگونىڭ بايرىقىنى كۆيدۈردى، كېيىن يەنە قول بومبىسى قوللىنىپ ھۇجۇم قىلدى؛' 'قازاقىستاندا شەرقىي تۈركىستانچىلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى نەپەر قازاقىستان ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن ۋە قازاقستان دېپلوماتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛' 'قىرغىزستاندىمۇ بېشكەكتىكى جۇڭگو بازىرىغا ئوت قويدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قارىتا پىلىمۇت ئاتتى؛ قىرغىزستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلەشمىسى دېگەن تەشكىلاتنىڭ رەئىسى نېغمەت بوساقۇفنى ئۆلتۈردى' دەپ تەسۋىرلەر بار.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركستانچىلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئۇرۇش قىلىدىكەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىم 7‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى ئۈرۈمچىدە يەنە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايىتى ئۆتكۈزدى. شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، يەنى تېررورچىلار، دىنىي رادىكاللار ۋە بۆلگۈنچىلەردىن ئىبارەت 'ئۈچ خىل كۈچلەر' شىىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىگە نېسبەتەن بىر بالاي - قازا بولۇپلا قالماي، ئۇ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ چوڭ ئاپەت.

ئۇ دۇنيا تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىگە نېسبەتەن بىر چوڭ تەھدىت بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ شەرقى تۈركىستانچىلار بىلەن ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

ۋاڭ لېچۇەن خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلەرنىڭ بىرى

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، 'بوشۈن تور گېزىتى' بۇ ۋەقەدە ئاشكارىلانغان مىللى ۋە دىنىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ۋاڭ لېچۇەننىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلككىگە دائىر پاكىتلارنىمۇ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان 'لەي چاڭشىڭ بىلەن ۋاڭ لېچۇەننىڭ مەخپى ئالاقىسى' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭخۇي ئۆي - زېمىن شىركىتى 1998‏ - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆكتەبىر تېراكتور زاۋۇتى، ماشىنىسازلىق زاۋۇتى قااتارلىق 40 شىركىىتىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پاي چېكىنىڭ 30%ى ۋاڭ لېچۇەننىڭ شەخسىي مۈلكىگە ئايلانغان. ۋاڭ لېچۇەننىڭ مۇشۇ بىر خىيانىتىلا، بىر نەچچە ئون مىليون يۇەن پارا ئېلىپ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچى دەپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭكىدىن بىر نەچچە ھەسسە كۆپ. ۋاڭ لېچۇەن ئىگىلىۋالغان بايلىق مەنبەئەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن سەندۇڭدىكى تۇغقانلىرىغا، تونۇشلىرىغا بېرىش ئارقىلىق پارا ئالغان پۇلنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ.

بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئۈرۈمچىدە 2000‏ - يىلى 9‏ - ئاينىڭ 8‏ - كۈنى، بىڭتۇەننىڭ ئاپتوموبىللىرى ھەربىي رايوننىڭ ۋاقتى ئۆتكەن پارتلاتقۇچ دورا ۋە بومبىلىرىنى قاچىلاپ كوچىغا چىقىپ، ئاپتوموبىل ۋەقەسى پەيدا قىلىپ 73 ئادەم ئۆلگەن، 300 ئادەم يارىلانغان ئىدى. پۈتۈن مەملىكەتكە 'خىيانەتچىلەرگە جەسەت ساندۇقى ياسىتىپ قويدۇم' دەپ جاكارلاپ، فۇجيەندىكى 'يۇەنخۇا دېلوسى'نى تەكشۈرۈشكە باشلىغان خىتاي باش مىنىستىرى جۇ رۇڭجى، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خىيانەتچىلەرنى جازلاشنى ۋاڭ لېچۇەنگىچە كېڭەيتىشكە جۇرئەت قىلالمىغان.