دىلشات رىشىت: 'خىتاي 5 - ئىيۇلدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن چۈچۈمەكتە ...'

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن 1 - نويابىردىن باشلاپ ‏5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاشتا يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ دۇنيانىڭ بېسىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا پەرۋا قىلماي ئۇيغۇر ئېلىدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى دۇنيا مەتبۇئاتىدا يەنە بىر غۇلغۇلا قوزغىغان خەۋەرگە ئايلاندى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانسىمىز، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، تەيۋەن مەركىزى ئاخباراتى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى، بۇ خىل ۋەزىيەت داۋاملىشىۋاتقانغا تۆت ئاي بولدى. بۈگۈن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى 1 - نويابىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ‏5 - ئىيۇل قالدۇقلىرىنى تازىلاپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىملىق يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدىكى قوراللىق ساقچى كۈچلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان بۇ قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى1 - نويابىردىن بۇ يىل ئاخىرلاشقىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بارلىق كۈچىنى ئاساسەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى قاتناشقۇچىلىرىنى ئىز قوغلاپ تۇتۇش، ھەر خىل جىنايەت گۇرۇھلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ئاخباراتلارنى توپلاش، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ،مەيدانغا كەلگۈسى ھەر قانداق سىياسىي، ئىجتىمائىي جىنايى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۆكتەبىر بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدا، كۆچمە نوپۇسقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىجارە ئۆيلەر، مېھمانخانىلارغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى جايلاردا مۇھىم چېگرا ۋە يول ئېغىزلىرىدىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ‏5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن، دائىرىلەر مۇشۇ تەجرىبىسىگە ئاساسەن نۆۋەتتىكى يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىمۇ ئوخشاش تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىز قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكچى ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشى بىلەن دۇنيا مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى ئاخباراتلار بىر قەدەر پەسەيگەن بىر پەيتتە، ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە باشقىدىن يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە باشلىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر،دۇنيا مەتبۇئاتىدا يەنە بىر دولقۇن قوزغىدى.

شۇنداقلا بۇ خەۋەر خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخباراتىدا تۆت ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلانغانلىقى، خەلقلەرنىڭ خاتىرجەملىكى ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان بارلىق تەشۋىقاتلىرىنى ئىنكار قىلىش رولىنى ئوينىدى. دۇنيا جامائەتچىلىكى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە باشقىدىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز كۈنلۈك قاتتىق باستۇرۇشنى باشلىغانلىقىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بارلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرماقتا.

سەيشەنبە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، رويتېرىس، فرانسىيە ئاگېنتلىق، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات بېرىپ، "خىتاينىڭ ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇيغۇرلارغا بولغان قانلىق باستۇرۇشىنى تۆت ئايدىن بۇيان بوشاشتۇرماي ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمايلا قالماي، ھەقسىزلىكلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق باستۇرۇش بىلەن داۋام قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىدىن چۈچۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى" دېدى.

دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىشقا ئاتلىنىش باسقۇچىغا توغرا كەلگەن بۇ ھەرىكىتىنى ھەرگىزمۇ تاسادىپلىق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ‏5 - ئىيۇل قالدۇقلىرىنى تازىلاشنى باھانە قىلغان بۇ يۈز كۈنلۈك تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارنى ھەج قىلىشتىن توسۇشنىمۇ مەقسەت قىلغان دەپ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئىستانسىمىزغا بەرگەن باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى، خەلقئارالىق قانۇنلارنى كۆزگە ئىلماي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەددىدىن ئاشقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ، خىتاي كۆزلىگەن نەتىجىنى بەرمەيدىغانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق، ھەققانىيەت، ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيىگە بولغان ئارزۇلىرىنى يوق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە ئۇنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەنلىكى بۈگۈن دۇنيا ئاخباراتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى، فرانسىيە ئاخباراتى بۇ ھەقتە بۈگۈن "خىتاي ھۆكۈمىتى داۋالغۇش ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭىدىن زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتى قوزغىدى" دەپ خەۋەر بەردى. ب ب س "خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى" دېدى، رويتېرىس بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى "ئۇچىغا چىققان يولسىزلىق،" دەپ تەنقىد قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ باھانىدا ھەر تەرەپتىن مەقسەتلىك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يورۇتتى.