خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق 'شىنجاڭنى مۇقىم' قىلالىدىمۇ؟

يېقىندىن بۇيان ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ 'يېڭى چېگرا ' سىنى 'مۇقىم' قىلالىدىمۇ؟ دېگەن مەسىلە بۇيىچە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۈگۈن 'بوشۈن تور گېزىتى'دە نەق مەيداندىن تارتىلغان بىر قاتار فوتو سۈرەتلەرنى ۋە بۇ ھەقتىكى تەھلىللەرنى ئېلان قىلدى. بۇ فوتو سۈرەتلەر خىتاينىڭ قوراللىق ساقچىلىرى تىنچ نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغاندا، نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېتىۋاتقاندا، كېچىدە ئۈرۈمچىنىڭ كۇچىلىرىدا ئوت كۆيۈۋاتقاندا، سانسىز قوراللىق ساقچى بىر قاتناش ئاپتوبوبىلىنى توسۇپ ئادەم تۇتۇۋاتقاندا، خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنى چەمبەرچەس باغلاپ، گەجگىسىدىن بېسىپ سازايى قىلىۋاتقاندا، خىتاي ساقچىلىرى بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا، يەنە بىرى پۇتىغا دەسسەپ تۇرۇپ كالتەكلەۋاتقاندا، ئېغىر تاياق زەربىسىگە ئۇچراپ يۈز -كۈزى قانغا بويالغان بىر ئۇيغۇر ئورنىدىن تۇرۇپ يانفونى بىلەن كۇچىلاردا قالغان جەسەتلەرنى رەسىمگە ئېلىۋاتقاندا ... تارتىلغان ئەينى ۋاقىتتىكى نەق مەيدان فوتو سۈرەتلىرى ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەرتىۋىسى خىتايلارغا سېلىشتۇغاندا ئىنتايىن تۆۋەن

--- ئۆز زېمىنىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ قەدەر دەھشەتلىك باستۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 'شىنجاڭ' دەپ ئاتاۋاتقان بۇ 'يېڭى چېگرا'دىكى بايلىقلاردىن شۇ قەدەر كۆپ مەنپەئەت ئېلىۋاتقان سەندۇڭنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىن كەلگەن ساقچىلار يەرلىك ئۇيغۇرلارنى شۇ قەدەر ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قولۇمغا قەدەم ئېلىپ بىر نەچچە ئېغىز پىكىر قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، --- دەپ يازىدۇ ليۇ لۇ ئىسىملىك بىر يازغۇچى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جاي گەرچە 'ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى' دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەرتىۋىسى خىتايلارغا سېلىشتۇغاندا ئىنتايىن تۆۋەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقتىن، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي تىلى ھۆكۈمران، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئۆزىنىڭ تىلىنى قوللىنىشىمۇ چەكلەنگەن. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۇل -مۇئامىلە، ئۇچۇر -ئالاقە، نېفت -تەبىئى گاز قاتارلىق چوڭ ساھەلەرنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى خىتايچە، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەيدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ئەسلا كىرەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىدارىسىدە مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى بار، بۇنىڭ ئاران 30 نەچچىسى ئۇيغۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنى تېزگىنلەش مەركىزىدە مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى بار، ئۇنىڭ ئاران 50 نەچچىسى ئاز سانلىق مىللەت، ئاقسۇ ئاشلىق ئىدارىسىدە 300 دىن ئارتۇق خىزمەتچى بار، ئۇنىڭ ئاران 20سى ئۇيغۇر.

ھازىر خالىسا ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرغا بەدنام توقۇپ جازا ئېلان قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ

بۇ تەبىئىي بايلىقلار ناھايىتى مول بىر رايون. ئەمما بۇ باي زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن نامرات. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلىرىدە، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار ساپلا ئىشسىز قېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇرلانىڭ بۇ ھالىدىن ئېچىنىمەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قەدەر ئاقكۆڭۈل، مېھماندوس، سەنئەتخۇمار ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، بۆلگۈنچى دېگەندەك ھەر خىل بەدناملار بىلەن ئاتاپ، قارىلاپ دۇنياغا يامان كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھەممە جىنايەتنى ئۇلارغا ئارتىدۇ. 2008‏ - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ ئۇيغۇر بىر جايدا پاراڭلاشسا، ئۇنى جىنايەتچى دەپ تۇتۇش كېرەك دەيدىغان بۇيرۇقنىمۇ چۈشۈرگەن ئىدى. ھازىر خالىسا ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرغا بەدنام توقۇپ جازا ئېلان قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇنداق سىياسەت خۇجىنتاۋ 'ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش' شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن باشلاندى

ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇنداق سىياسەت، خۇ جىنتاۋ 2002 ‏ - يىلى 'ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش' شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن باشلاندى. ھەر خىل جىنايى نام بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ھازىر تۈرمىلەرگە تولۇپ كەتتى. ئەمما ھازىر دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنىمۇ سەزدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىسام مىنى قاتتىق ۋەھىمە باسىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىنتېرنېت تورلىرى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ تېلېفون ئالاقىسى تېخىچە تاقاق، پەقەت بىڭتۇەننىڭ ئىنتېرنېت تورلىرى ئوچۇق

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر تۆرت ئاي بولدى. ھۆكۆمەت گەرچە دۇنياغا ئۈرۈمچى تىنچلاندى، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى دەۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان ھەربىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرمىدى. خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى تېخىچە كۇچىلاردا سەپ تارتىپ چارلاپ - ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت -مەھەللىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان سىياسىي شۇئارلار ئۆز پېتى تۇرۇپتۇ. بەلكى ھازىر يۇرتنى ۋەھىمە قاپلايدۇ، كىشىلەر كىشىلەر سرتقا چىقالمايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىنتېرنېت تورلىرى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ تېلېفون ئالاقىسى تېخىچە تاقاق، پەقەت بىڭتۇەننىڭ ئىنتېرنېت تورلىرى ئۇچۇق.