خىتاي، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلماقتا

يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئىقتىسادىغا زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا. قەشقەر شەھىرىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە، ئوغلى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ، يېقىندا 14 مو يېرىدىكى قوناقلىرىنى ساقچىلار چاناپ ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولۇپ، مانا بۇ خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

0:00 / 0:00

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلىمۇ، بۇ ئائىلىنىڭ 12 مو يەرگە تېرىغان كېۋەزلىرىنى ئېچىلىش ئالدىدا بۇزۇپ ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىكەن.

بۇ ئائىلىنىڭ ئوغلى 2007 ‏- يىلى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۆلگۈنچى تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان دەپ ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، خىتايدا دائىرىلىرى ئىككى يىلدىن بىرى ئۇلارنى ئوغلى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن.

2009 - يىلى 7 ‏- ئايدا كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، تۈرمىدىكى كىشىنىڭ ئادىلجان ۋە تاھىرجان ئىسىملىك ئىككى ئىنىسى ۋە بىر ئاچىسى ئۇنى كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا، "5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئادىلجان ۋە تاھىرجان ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئاچىسى ئىنىلىرىنى بىر يېرىم ئاي ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، پەيزىۋاتقا قايتىپ كەتكەن. بۇ ئائىلە ھازىرغىچە ئىككى ئوغلىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغان.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ئائىلىنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۈيئوغۇل ئەيساجاننى زىيارەت قىلىپ، سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.